باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورى: تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى قۇرايلى

2016.09.22 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھات لايىھەسى»نىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى «ئىسلاھات ۋاقتى»نى كۈتۈۋالدى. ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئابىدىسى، شۇنداقلا ئېلىمىز ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تارىخىي پۇرسىتى.

  پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا باشتىن-ئاخىر ئاياللارنى ئازاد قىلىش ئىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەر-ئايال باراۋەر بولۇشنى قوغلىشىپ، ئاياللارنىڭ «يېرىم دۇنيا»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئېتىبار بەردى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قۇرۇلغان 67 يىلدىن بۇيان، ئاياللارنى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ ھەر قايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆزىگە خاس تەشكىلات ئەۋزەللىكى ۋە خىزمەت ئەۋزەللىكى توپلىدى. مەركەزنىڭ ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم قارارلارنى چىقىرىشى مۇشۇنداق ئەنئەنە ۋە ئەۋزەللىكلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، ئاياللار كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئاياللارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  ئىشىنىمىزكى، ئۇلۇغ دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا ماسلىشىپ، ئۆزىنى يېڭىلاش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان، تېخىمۇ كۈچلۈك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كۈچىگە ئايلىنىپ، ئاياللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى ئاياللار شان-شەرىپىنى ياراتقۇسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر