باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى «خۇ جىنتاۋ تاللانما ئەسەرلىرى»نىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى تەبرىكلىدى

2016.09.21 10:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى 20-سېنتەبىر «تەرەققىي قىلىۋاتقان نەزەرىيە، تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئەمەلىيەتتە چىڭ تۇرايلى» دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىپ، «خۇ جىنتاۋ تاللانما ئەسەرلىرى»نىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  باش ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «خۇ جىنتاۋ تاللانما ئەسەرلىرى»نىڭ نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىشى-پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. «خۇ جىنتاۋ تاللانما ئەسەرلىرى»-ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم نەتىجە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتىكى جانلىق دەرسلىك.

  باش ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئىلمىي نەزەرىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەمەلىيەتتىن شۇنداقلا تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئەمەلىيەتتىن كەلگەن. يولداش خۇ جىنتاۋ-ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئاساسلىق بەرپاچىسى. پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئون يىلدا، خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، خەلققە تايىنىپ بىر يۈرۈش زور خىرىسلارنى يېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى. «خۇ جىنتاۋ تاللانما ئەسەرلىرى»دە، بۇ تارىخىي مۇساپە جانلىق خاتىرىلەنگەن، بۇ قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئىلمىي يەكۈنلەنگەن، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرگە چېتىلغان بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنى قاپلىغان، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم نۇقتىنەزەرلىرى سىستېمىلىق شەرھلىنىپ، نېمىنىڭ سوتسىيالىزم ئىكەنلىكى، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش، قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يەنىمۇ جاۋاب بېرىلگەن، يېڭى ۋەزىيەتتە، قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىجادىي جاۋاب بېرىلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر