باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دەم ئېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

2016.08.24 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لېنىننىڭ «دەم ئېلىشنى بىلمىگەن كىشى خىزمەت قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بار. ھازىر رۇخسەت سوراش ۋە نورمال دەم ئېلىشنىڭ ھەم ئالاقىدار قانۇنىي ئاساسى، ھەم ئىلمىي قائىدىسى بار. ھالبۇكى، خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىرراق بەزى كىشىلەر، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلاردىن قانچىلىكى ياخشى دەم ئېلىشنى ئويلايدىغاندۇ؟

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ 1-قارارلىق ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى تەتقىقات خاراكتېرىدىكى بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىغا قاتناشقان كۇرسانلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۆزىنىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقاندىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، دائىم تۈن بويى كىرپىك قاقمايدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى ئۇنداق قىلماسلىققا ئۈندىدى. ۋېنۋاڭ بىلەن ۋۇۋاڭنىڭ تۇتقان يولى-گاھ چىڭىتىش، گاھ بوشىتىش، كادىرلارنىڭ دەم ئېلىشى جىسمانىي ساغلاملىقىنى تولۇقلاش پونكىتى، كىشىلىك ھاياتتىكى ماي قاچىلاش پونكىتى، شاد-خوراملىق ئۆتىڭى.

  شۇڭا ئادەم ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئارام ئېلىپ ئۆزىىنى ئوڭشىۋېلىشى كېرەك، بۇمۇ «ساغلام جۇڭگو» قۇرۇشنىڭ مەزمۇنىنىڭ بىرى. ئىشلەپ چارچىغاندا ئارام ئېلىش، كۆزىنى يۇمۇپ، پۇت-قولىنى ئارام ئالدۇرۇپ، روھىنى كۆتۈرۈش كېرەك. دەم ئېلىش تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش ئۈچۈندۇر، بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلاپ، كەيپىياتى ۋە پىسخىكىلىق ھالىتىنى تەڭشەپ، يەڭگىللەپ سەپكە ئاتلىنىپ، جەڭگە قايتىدىن كىرىشىش كېرەك. ھەقىقەتەن مۇھىم، جىددىي ئىشى بولسا، ئالاقىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، ئىش چىققاندا ۋاقتىدا قايتىپ، خىزمىتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، خاتىرجەم دەم ئېلىش كېرەك. بىر ياخشى رەھبەر باشلامچىلىق بىلەن دەم ئېلىشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشىنى تېخىمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىشى كېرەك. بىر ياخشى كوللېكتىپ، بىر ياخشى قوشۇن جەڭگىۋارلىق، ئۇيۇشۇشچانلىق ۋە يېقىشچانلىققا ئىگە بولۇشنى كۆزلەيدىكەن، مۇھىمى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلەش ۋە ياخشى دەم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە، بەخت ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى، ئىدارىسىگە تەۋەلىك تويغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر