باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنەيلى

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

2016.08.23 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. لاتىن ئامېرىكىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقان پەيتتە، ۋەتەن ۋە خەلق قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ زەپەر قۇچۇپ قايتقان تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنى قىزغىن قۇچاقلىدى. سىلەر قان تەرىڭلار ۋە جەسۇرلۇقۇڭلار بىلەن دەۋرنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى ياڭراتتىڭلار، شان-شەرەپ ۋە ئارزۇلىرىڭلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش يولىنى يورۇتتۇڭلار، دۇنيا خەلقى كۆز تىكىۋاتقان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قېتىم شەرەپ قۇچتۇڭلار. ئېلىمىز خەلقى سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ!

  «ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش، ھاياتقا مەنا قوشۇش». 31-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ 26 ئالتۇن مېدال، 18 كۈمۈش مېدال، 26 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، كۈچلۈك رەقىبلەر بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، مۇكاپات تاختىسىدىكى ئالدىنقى ئورۇننى مۇقىم ساقلاپ، ئەزىمەتلەر تىركىشىشىدە جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە روھىنى نامايان قىلدى. ئىرادە قىيىنچىلىق ۋە مۇھاجلىقتا تاۋلىنىدۇ. بۇ، خىرىسقا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە، تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ ئەستايىدىل، جاپالىق مەشق قىلغانلىقى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلانغانلىقى، شۇنداقلا ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ قوللىغانلىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر