باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەسىلىنى ھەل قىىلشنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» نىڭ پۈتكۈل جەريانىغا باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرەيلى

«ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2016.08.22 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  ماركسنىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار: «مەسىلە دەۋرنىڭ شوئارى، ئۇ دەۋر روھىي ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ ئەمەلىي سادا». مەسىلىنى ھەل قىلىشنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەرىكەتلەنلەندۈرگۈچ كۈچى ئارقىلىق ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۆلچىمى ئارقىلىق ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە قاتتىق باشقۇرۇلۇپ، قاتتىق ئىدارە قىلىنمىغاندا، پارتىيە ئىچىدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىغاندا، پارتىيەمىز ھامان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ، تارىخنىڭ شاللىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. «مەسىلىلەنى ھەل قىىلش ئېڭى، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش ئېڭىنى كۈچەيتش_پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى مۇھىم تەجرىبە. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ مەخسۇس سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھالقىسى بولمىسىمۇ، بىراق ئۆگەنگەچ تەكشۈرۈش، ئۆزگەرتىش، تەپسىلىي ئۆگىنىپ، چوڭقۇر، قاتتىق ئۆزگەرتىش يەنىلا بىر تۈرلۈك ئاساسىي تەلەپ. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسى ئەمىلىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى- كونكرېت مەسىلىنى چۆرىدەپ ئۆگىنىش، كونكرېت مەسىلە بويىچە قاراتمىلىق ئۆزگەرتىش، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشتا.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر