باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ روھىغا ئاپىرىن!

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

2016.08.22 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى يېڭىلمەس روھ! جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى قەلبىمدىكى روھ! مۆجىزىنىڭ رەڭگى بار، دېيىلسە، ئۇنداقتا ئۇ جەزمەن جۇڭگو قىزىلى...1 مىليارد جۇڭگو تاماشىبىنىنىڭ دىققىتى رىئودى ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە مەركەزلەشكەندە، دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرى تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدىن ھالقىغان بۇ مەيدان يۇقىرى پەللىلىك تىركىشىشكە تىكىلگەندە، 1 مىليارد تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىگە ئۇزاقتىن بۇيان چوڭقۇر يوشۇرۇنغان ھاياجان ئۇرغۇپ، بىر خىل يېڭىلمەس كۈچ دېڭىز-ئوكيانلارنى ھالقىپ كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

  جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى يەنە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، كىشىلەرگە ئەينى ۋاقىتتىكى شانلىق يىللارنى ئەسلەتتى. 35 يىل يىل بۇرۇنقى قىشتا، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى قىزلار تۇنجى قېتىم شەرەپلىك ھالدا دۇنيا چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى. گۈم-گۈم ئۇرۇلغان «تۆمۈر بازغان» «ئىتتىپاقلىشىپ جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈرۈش» ئۇرۇش دۇمبىقى جۇڭگولۇقلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى. بۇ شەرەپلىك قوشۇن ئېلىمىزنىڭ مۇسابىقە سەھنىسىدىكى جۇلالىق كىملىك كارتوچكىسى بولۇپ، سانسىزلىغان جۇڭگولۇلقلارنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. «ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولۇش»،«ئۇدا بەش قېتىم چېمپىيون بولۇش»، دۆلەت دەرۋازىسى ئەمدىلا ئېچىلغان، كىشىلەر مەنىۋى كۈچكە مۇھتاج بولىۋاتقان ئەشۇ دەۋردە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى باتۇرانە جان تىكىپ ئېلىشىش روھى بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئاتلىنىپ، «جۇڭگولۇقلارنىڭ يارايدىغانلىقى» نى دۇنياغا ئىسپاتلاپ بەردى. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش باشلانغان، ئېلىمىز جاسارەت بىلەن دۇنيانى قوغلىشىۋاتقان ئەشۇ دەۋردە، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى خۇددى بىر بايراقتەك، جۇڭگونىڭ كوللېكتىۋىزملىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى، قانداق يۇقىرى پەللىگە يېتەلەيدىغانلىقى ۋە قانداق مۆجىزىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىنى دۇنيا خەلقىگە بىلدۈردى. خالىس تۆھپە قوشىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىدىغان، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى مىللەت روھى بىلەن دەۋر روھىنىڭ مۇكەممەل بىرلىشىشى بولۇپ، بىر دەۋرنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسى ۋە قىممەتنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر