باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«بىر بەلباغ، بىر يول» دەۋر ساداسىنى ياڭرىتايلى

2016.07.27 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە، ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى» ئاساسىي تېمىسىنى مۇجەسسەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»+«تاراتقۇ» نى ھالقىلىق سۆز قىلىپ، 101 دۆلەتنىڭ 212 تاراتقۇ ۋەكىلى بىر يەرگە جەم بولدى...«خەلق گېزىتى» تەشكىللىگەن 2016-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى 26-ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك پائالىيەتكە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئۆلچىمى تېخىمۇ يۇقىرى، كۆلىمى تېخىمۇ زور، تەسىرى تېخىمۇ كەڭ بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  «يىپەك يولى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق بايلىقى»، «قول تۇتۇشۇپ <يېشىل، ساغلام، ئەقىل-پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن، تىنچ يىپەك يولى> بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەت ۋە خەلققە بەخت يارىتىش» كېرەك. مۇنبەر ئېچىلىش مەزگىلىدە، رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، يىپەك يولى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش-ھەمكارلىشىشنى تەكىتلىدى ھەم تاراتقۇلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتقان، ئىقتىساد تۇمانلىرى ئۇزاققىچە تارقىمىغان ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان ئاكتىپ كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، «پۈتۈن دۇنيا ئەڭ تەلپۈنىدىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پىلانى» غا ئايلانماقتا.

  تارىخ كەلگۈسىنى ئۈن-تۈنسىز يورۇتىدۇ. 2000 يىل مۇقەددەم، جاڭ چيەن غەربىي دىيارغا ئىككى قېتىم ئەلچى بولۇپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى، شۇنداقلا شەرق ۋە غەربنى كېسىپ ئۆتۈپ، ياۋروپا-ئاسىيا يىپەك يولىنى تۇتاشتۇرۇش يولىنى ئاچتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «ئەلچى تەلپۈنگەن شۇ يولدا سودىگەرلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى». ھازىر قەدىمىي يول، قۇملۇق يىپەك يولى، يايلاق يىپەك يولى، دېڭىز يىپەك يولى قاتارلىق قەدىمىي يوللارنى بويلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» دا يول بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يىپيېڭى پىلانى تۈزۈلدى. تارىخ ۋە رېئاللىق كىشىلەرگە شۇنى تونۇتتىكى، ئېچىۋېتىش مىللەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى تۈرتكە، مەدەنىيلىك ئالاقە ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئارقىلىق رەڭدارلىشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر