باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئۆزگىلەرئىدىيەسىنىڭ«بەيگە مەيدانى»بولۇپ قالمايلى

2016.07.25 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تارقىتىلغان كىشىنى جەلب قىلىدىغان ماقالىلەر ئەسلىدە كۆچۈرۈلگەن؛ كىشىلەرنى زوقلاندۇرغان مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى شۈبھىسىزكى كۆچۈرۈپ يېزىلغان؛ بەھرىمەن بولغان كۈتۈنۈش بىلىملىرى ساختا؛ كىشىلەرگە ھوزۇر ۋە ئىلھام بەخش ئەتكەنتۈرلۈك گۈزەل يازمىلار توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە خاتا...بۇنداق ئىشلار بېشىڭىزدىن ئۆتكەنمۇ؟ ھازىر زور مىقتاردىكى ئۇچۇرلار ئالدىدا ئۆزىمىزنى ئاگاھلاندۇرىشىمىز؛ مېڭىمىزنى ئۆزگىلەر ئىدىيەسىنىڭ «بەيگە مەيدانى» غا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىمز كېرەك.

  ئۇچۇر پارتلىغان دەۋردە، بىر خىل قارىمۇ قارشى چۈشەنچە دەل «ئۇچۇرنىڭ قىسقارتىلمىسى». زور مىقتاردىكى ئۇچۇرلار، ئۆزگىرىشچان قاراشلار ئالدىدا، بەزى كىشىلەرگە خۇددى سىرلىق قەسىردە تۇرغاندەك بىلىنىدۇ، چۈنكى يول كۆپ ھەم ئىلاجىسىز بولغاچقا، قانداق تاللاش ۋە ئايرىشنى بىلمەيدۇ. شۇڭا «تارقىتىش»، «دوراپ چاپلاش»قىزغىنلىقى ئۇچۇر تاللاش يۆنىلىشىگە ئايلاندى؛ «چېكىش»، «قوللاش» مىقتارى قاراشلاردا پايدىلىنىلىدىغان تېلېگرافقا ئايلاندى؛ شۇڭا ئوخشاش بىر بۆلەكتىن بەھرىمەن بولۇپ، ئوخشاش بىر تور ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئوخشاش چوڭ V نى تارقىتىش...يامرىغان ئۇچۇر دولقۇنىدا مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش تىنچلىقىدىن مەھرۇم بولشتىن ساقلىنىش قىيىن.

  پىكىر يۈرگۈزۈش بىر خىل ئىقتىدار بولۇپ، ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلىپ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇدۇل يولدا مېڭىش ھامان ئاددىي بولىدۇ. مەنمەنچىلىك، تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ۋە يۈزەكىلىكنى ياقتۇرۇش ھادىسلىرى، بىر كۆرۈپلا نەتىجىسىنى بىلىۋېلىشنى ياقتۇرىدىغانلار بۇنداق «بىلىش يۆزلىنىشى» ئاستىدا، خىيالپەرەسلىك ۋە كەسىپ خاراكتېرى كۈچلۈك مەزمۇنلار، مۇرەككەپ پەلسەپىۋى قائىدىلەر، چوڭقۇر پىكىرلەرگە ئەكسىچە ئەمدى قىزىقمايدۇ. مۇشۇ ھال داۋاملىشىۋەرگەندە، پىكىر قىلىش ئىقتىدارى ئاددىىيلىشىش جەريانىدا چېكىنىپ، مېڭىسى قۇرۇقدىلىپ، پىكىر ئېقىمىدىن ئايرىلىپ، قۇرۇق «توخۇ پېيى» لا قالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر