باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاۋانگارتلاردىن بولايلى

−−جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2016.06.30 16:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن 7 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدە بارلىققا كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى داغدۇغىلىق تەقدىرلەندى، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقى ھەم كوممۇنىستلارنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە دەۋر روھىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ چىن كۆڭلىدىن تەرىپلىشى، ھۆرمەتلىشىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىدىن شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكىلى بولىدۇكى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى جەڭگىۋار ئىستىھكاملىق ۋە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرسىلا، خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇستەھكەم رەھبەرلىك يادروسى بولۇشتەك تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇندىيالايدۇ.

  شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيلىقىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى ۋە ياردەم قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، تېز ئىلگىرىلەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى قىلدى. شىنجاڭدا يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ دەل «تىرىشقاندىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشىدىغانلا بولساق ئۆزگەرتەلەيمىز» دېگەن ئەقىدىنىڭ نامايەندىسى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى يېتەكلەپ جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئاچقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

  ھازىر شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ باسقۇچىدا تۇرماقتا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ۋەزىپىلەر ئىنتايىن ئېغىر، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىدا شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئورنىغا لايىقلاشقان مەردانىلىك ۋە ئىدىيەۋى تونۇش بولۇشى، ھازىرقى ۋەزىيەت، ۋەزىپىگە لايىقلاشقان مەسئۇلىيەت ۋە دادىللىق بولۇشى ھەم ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا لايىقلاشقان ئىقتىدار ۋە ئىستىل بولۇشىنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ.

  مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا دادىل بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى بولۇشىمىز كېرەك. ھازىر شىنجاڭ دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپ، ۋەزىپىلەر تېخىمۇ ئېغىر. بىز مۇتلەق كۆپ ساندىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئۇزاققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، ئىسلاھات جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ياراتقان زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە، شۇنداقلا شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىلمىي تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىشىمىز؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىگە ئورتاق بولغان مەنىۋى ماكان قۇرۇپ چىقىشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىشتۈرۈشىمىز؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگە سىڭدۈرۈپ، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بۇلار بىز ئالغا بېسىش يولىمىزدا بىر - بىرلەپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدىغان قىيىن مەسىلىلەر. دەل شۇ سەۋەبتىن قىيىن ئەھۋالدا جاسارەتلىك بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ئىشلىرىمىز قانچە ئۇلۇغۋار ھەم جاپالىق بولغانسېرى پارتىيەنىڭ مۇستەھكەم رەھبەرلىكى ۋە دادىللىقىغا شۇنچە موھتاج بولىمىز. تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە سىناقلار ئالدىدا، ھەر بىر پارتىيە تەشكىلاتى جەڭ ئىستىھكامى، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى جەۋلان قىلىۋاتقان بايراق بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە كومپارتىيە ئەزالىرى قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاممىنىڭ تايانچىسى ۋە باشلامچىسى بولسىلا، قەيسەر جەڭگىۋارلىقى ۋە قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى تايانچلاردىن بولالايدۇ.

  ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلەيدىغان چىڭ ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. «مەسئۇلىيەت تاغدەك ئېغىر بولسىمۇ، ئىقتىدارلىق كىشى ئۇنى ئۈستىگە ئالالايدۇ». بىز شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى ۋە يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي تاكتىكا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىشى، مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، تېگىدىن ئېيتقاندا قۇدرەتلىك كادىرلار قوشۇنىغا تايىنىشتا. «بازغان تۇتقاندا بەل چىڭ بولۇشى كېرەك»، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش −− پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ساقلاپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» ۋە «پارتىيە نىزامنامىسى - قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش»نى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭچە ياخشى كادىر» بولۇشقا تىرىشىپ، غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن ئىزچىل نەپەسداش، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، چىن دىلىدىن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ ۋە ئۇلارغا بەخت يارىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك ئوبرازىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، بۇ ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى تەڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور كۈچ مۇجەسسەملەشتۈرۈش كېرەك.

  بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت نىشانغا يېتىشكە تارىختىكى ھەر قانداق بىر مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، دەۋرنىڭ ئېغىر يۈكى بىزگە يۈكلەندى. ھەر بىر كومپارتىيە ئەزاسى ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ئىزچىل دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر