باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرايلى

2016.06.24 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ 22-ئىيۇن يىپەك يولىدىكى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت ئۆزبېكىستاندا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيانقى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى نەتىجىلەرنى ئەسلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇقتىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى، جۇڭگونىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ۋە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئۇلۇغۋار ئىنتىلىشىنى شۇنداقلا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يىپەك يولى بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەت ئاممىغا بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدەك پارلاق كېلەچىكىنى كۆرسەتتى.

  «بۈگۈنكى جەمئىيەتنى كۆزىتىشتە قەدىمدىن ئۈلگە ئېلىش كېرەك، قەدىمكى زامان بولمىسا، ھازىرقى زامانمۇ بولمايتتى»،«يىپەك يولى تارىخ بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىق.» رەئىس شى جىنپىڭ نۇتىقىدا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى −− جۇڭگو قەدىمكى يىپەك يولى قالدۇرغان قىممەتلىك بىشارەتكە ئاساسەن، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تىنچلىق بىلەن تەرەققىياتقا ئىنتىلىشىدەك ئورتاق ئارزۇسىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۇنيانى شەرقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئورتاق گۈللەپ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن پىلانلانغان لايىھە.

  تارىخ بىر ئەينەك بولۇپ، رېئاللىقنى يورۇتۇش بىلەن بىرگە كەلگۈسىنىمۇ تەڭ يورۇتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە، سېرۋىيەدە «خېگاڭ» گۇرۇھىنىڭ «سمېدېرېۋو» پولات زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، پولشادا يىپەك يولى خەلقئارا مۇنبىرى ۋە جۇڭگو-پولشا جايلار ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە بىرلىككە كەلگەن ماركا جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپا(پولشا)غا يېتىپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئۆزبېكىستاندا بۇخارا قەدىمىي شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، «ئەنگرېن-پاپ» تۆمۈريول تونېلىدا قاتناش باشلاش كۆرۈنمە چاستوتىلىق لىنىيە تۇتاشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى نۇتۇقتا ئېيتىلغان «بۈگۈنكى جەمئىيەتنى كۆزىتىشتە قەدىمدىن ئۈلگە ئېلىش كېرەك، قەدىمكى زامان بولمىسا، ھازىرقى زامانمۇ بولمايتتى» دېگەننى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر