باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئەمگەك نەمۇنىچىسى شۈ خۇ بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئاھالىلەرگە خالىس خىزمەت قىلدى

«كەچقۇرۇن سائەت يەتتە، سەككىزلەردىكى قۇياش» نىڭ ھارارىتى يەنىلا ئىللىق

(مىللەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى)

2016.06.22 09:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر «كونا تانكا» (كونا ۋېلىسپىت)، «پۈتۈن كۈنلۈك» رېمونت قىلىشنى مەلۇم قىلىش ساندۇقى، يوغان قارا رامكىلىق كۆزەينەك تاقىۋالغان، سەمىمىي، ئوچۇق-يورۇق، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، بوران-يامغۇرلۇق كۈنلەردىمۇ كوچىلاردا توختاۋسىز ئارىلاپ يۈرگەن، شاڭخەيلىك، ئاددىي سۇ ئېلېكتر رېمونت ئىشچىسى جۇڭگونى تەسىرلەندۈردى. ئۇنىڭ ئىسمى شۈ خۇ بولۇپ، بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئاھالىلەرگە خىزمەت قىلىپ، ئاھالە تەرىپىدىن «كەچقۇرن سائەت يەتتە، سەككىزلەردىكى قۇياش» دەپ ئاتالدى.

  ھازىر پېنسىيىگە چىققىنىغا ئالتە يىل بولغان پېشقەدەم ئۈلگە نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھى ھەققىدە يەنە قانداق يېڭى مەزمۇنلارنى بېيىتىۋاتقاندۇ؟ مۇخبىر يېقىندا شۈ خۇنى زىيارەت قىلدى.

  شۈخۇ مۇخبىرنى كۆرۈپ گەپنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئاددىي بىر ئادەم، ئۆزۈم ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاددىي ئىش ئورنىدا ئاددىي ئىشلارنى قىلدىم، ماددىي جەھەتتىكى بەزى نەرسىلەردىن ھەقىقەتەن ۋاز كەچتىم، بىراق مەنىۋى دۇنيارىم چەكسىز باي.

  ئائىلە كېلىپ چىقىشىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، شۈ خۇ ناھايىتى ئاددىي ئادەم. ئۇ ئىزچىل ياشاپ، ئىشلەپ كېلىۋاتقان شاڭخەي پۇتو رايونى ئىشچىلار مەھەللىسى، ئەسلىدە يېزا-بازار تۇتاشقان جايغا تەۋە بولۇپ، زاۋۇت ۋە ئېتىز-ئېرىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن. شۈ خۇنىڭ ئائىلىسىمۇ ئەسلى كۆكتاتچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈنلىرى ئانىسىغا ئەگىشىپ يىل بويى سۇ توشۇش، يەر ئوغۇتلاش، كۆكتات تېرىش بىلەن ئۆتتى. 1975-يىلىغىچە، شەھەر تەرەققىي قىلىپ، ئېتىز-ئېرىقلار ئىشلىتلدى، شۈ خۇ پۇتو رايونىنىڭ شىمالىي جۇڭشەن يولى ئۆي باشقۇرۇش ئورنىغا تەقسىم قىلىنىپ، سۇ ئېلېكتر ئىشچىسى بولدى. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۆزىمۇ بىر «دېھقان ئىشلەمچى».

  ئۇ ئىشچى بولغاندىن كېيىن، شۈ خۇ سۇ ئېلېكتر تېخنىكىسنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

  شۇ چاغلاردا، تىرىشىپ ئىشلەپ، ياخشى ئىشچى بولۇشنىلا ئويلايتتىم، ئاھالىلار ئۆي رېمونت قىلىشنى مەلۇم قىلغاندا، ئاھالىلارنىڭ ئىشىنى دائىم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ۋاقتىدا قىلىپ بەردىم. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ چەكسىز بەخت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر