باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئۆچمەس ئېتىقادىمىزنى تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىقىمىز بىلەن قوغدايلى

«كومپارتىيە خىتابنامىسى» نىڭ تۇنجى تەرجىمە نۇسخىسىنى ساقلاش خاتىرىسى (شانلىق تارىخ)

2016.06.20 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەممە جاينى ئاق تېررورلۇق قاپلىغان، ئۇرۇش ئوتى داۋاملىشىۋاتقان يىللاردا، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە قوغدىغۇدەك ئۇ كىتابقا زادى قانداق غايە ۋە ئېتىقاد مۇجەسسەملەنگەن؟ شەندوڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ گۇاڭشاۋ ناھىيەسى ليۇجى كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «كومپارتىيە خىتابنامىسى»، ماركسىزم.

  1975-يىلى، مەدەنىي يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىسى ليۇ جى كەنتىگە ئىنقىلابىي مەدەنىي يادىكارلىقلارنى توپلىغىلى باردى. كەنتتىكى ليۇ شىخۇنىڭ كۆپچىلىك ئەينى ۋاقىتتىكى «داخۇزى» دىن ئۆگىنەيلى ناملىق كىتابنى ھازىرغىچە ساقلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىر قاتار نەسىھەت ۋە ئۈندەشلەردىن كېيىن، ليۇ شىخۇ 40 يىلدىن ئارتۇق ساقلىغان «كومپارتىيە خىتابنامىسى» نىڭ تۇنجى تەرجىمە نۇسخىسىنى ئىئانە قىلىش بىلەن، بۇ كەنتنىڭ ماركسىزمنى ئۆگىنىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداش تارىخىنى ئەسلەتتى.

  20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە ئېلىمىزدە «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ماركسىزم جۇڭگونىڭ ھەممە جايلىرىدا تەدرىجىي چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان جۇڭگوغا يېڭى ئۈمۈد ئاتا قىلدى. ماركسىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى بولغان «كومپارتىيە خىتابنامىسى» نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ بولماسلىقى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو ماركسىزمچىلىرىنىڭ قەلبىدىكى بىر تۈگۈن بولۇپ كەلدى.

  1920-يىلى 8-ئايدا، نەچچە ئاي جىددىي خىزمەت ئارقىلىق، چېن ۋاڭداۋ تەرجىمە قىلغان «كومپارتىيە خىتابنامىسى» نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى شاڭخەيدە نەشىردىن چىقتى. بىراق بەت ياساشتا مەسىلە كۆرۈلۈپ، مۇقاۋىدىكى «共产党宣言» دېگەن خەت ««共党产宣言 دەپ خاتا بېسلىپ قالغان. خاتا نەشىر قىلىنغان بۇ 1000 دىن ئارتۇق بۇ كىتاب، كىشىلەرنىڭ ئوقۇشىغا ھەدىيە قىلىنغان. بەزىلىرى كېيىنكى يىللىق ج ك پ «1-قۇرۇلتىيى» غا قاتناشقان ۋەكىللەر ئارقىلىق ھەر قايسى جايلارغا تارقالغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر