باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«جياڭ ھەدە» بىلەن تونۇشۇپ، قىزىل قىيا روھىنى ھېس قىلايلى

«پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىرادىسى پولاتتەك قاتتىق»

2016.06.20 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «قەبىھ جازا بىلەن قىيىن-قىستاققا ئېلىشلارنىڭ ھەممىسى كىچىك سىناقلاردۇر.... بامبۇك زىخ بامبۇكتا ياسالغان بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىرادىسى پولاتتەك قاتتىق!» يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ساياھەتچىلەر چۇڭچىڭ شەھىرى گېلې تېغى جازى غارىدىكى جياڭ ھەدىنىڭ تۈرمىدە يازغان خېتىنى ئوقۇغىنىدا، پارتىيە ئەزاسىنىڭ قورقماي قۇربانلىق بېرىش روھىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايتتى.

  ليۇ شۇەي قىزىل قىيا ئىنقىلابى تارىخىي مۇزېيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇپ، 2001-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان 15 يىلدىن بۇيان، ھەر كۈنى دېگۈدەك ساياھەتچىلەرگە جازى غارى، بەيگۇڭ سارىيىدا جەڭ قىلغان قىزىل قىيا ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەممىگە تونۇشلۇق «جياڭ ھەدە»−− جياڭ جۇجۈننىڭ ھېكايىسىمۇ بار ئىدى.

  ئۇ «چۈشەندۈرگۈچى بولغاندىن كېيىن، جياڭ ھەدىگە بولغان تونۇشۇم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئۇ ئايال قەھرىمان بولۇپلا قالماستىن يەنە بىر خوتۇن ۋە ئانا.» دېدى. مۇشۇنداق بولغاچقا، 15 يىلدىن بۇيان، ئۇ جياڭ ھەدىنىڭ ھېكايىسىنى 20 نەچچە مىڭ قېتىم سۆزلىگەن بولسىمۇ، ھەر قېتىم سۆزلەپ تەسىرلىك جايغا كەلگەندە كۆز ياشلىرى ئىختىيارسىز ئېقىپ كېتەتتى.

  جياڭ جۇجۈن يەر ئاستى خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن 1943-يىلى، پارتىيەنىڭ پېڭ يۇڭۋۇ بىلەن يالغان ئەر-خوتۇن بولۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئىنقىلاب خىزمىتى جەريانىدا ئىككەيلەننىڭ ھېسسىياتى تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىپ، 1945-يىلى توي قىلدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، جياڭ جۇجۈن پېڭ يۇڭۋۇغا ياردەملىشىپ پارتىيە ئىچىدىكى نۇرغۇن ئىشلار ۋە ئىچى-سىرتىنىڭ ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى بىر تەرەپ قىلدى ۋە شەرقىي سىچۇەندىكى ۋاقىتلىق كومىتېت ئەزاسى ۋە شەرقىي سىچۇەن ۋىلايەتلىك پارتكومىغا چۈشكەن ئالاقىچى سالاھىيىتى بىلەن، يولدىشىغا ئەگىشىپ شەرقىي سىچۇەن قوراللىق كۈرىشىنىڭ 1-سېپىگە باردى. ئىنقىلاب خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، جياڭ جۇجۈن يېڭىلا تۇغۇلغان بالىسىنى تۇغقانلىرىنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

  خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن جياڭ جۇجۈن 1948-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى بەختكە قارشى تۇتقۇن قىلىنىپ، چۇڭچىڭ شەھىرى جازى غارىدىكى تۈرمىگە قاماپ قويۇلدى. جياڭ جۇجۈن ئالاقە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ باققاچقا، چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن يەر ئاستى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بىلەتتى، تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇ دەرھال تۈرمىدىكى جاسۇسلارنىڭ نۇقتىلىق سوراق قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى.

  مۇخبىر ليۇ شۇەيگە ئەگىشىپ ئەينى يىلدىكى جازى غارىنىڭ قىيناپ سوراق قىلىش ئۆيىگە كىردى، يولۋاس ئورۇندۇق، داغمال، قامچا..... جازا قوراللىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ھالىتى بويىچە تىزىلغان بولۇپ، كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇراتتى. ليۇ شۇەي داتلىشىپ كەتكەن قاتار-قاتار كىشەن، كويزىلارنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بۇلار تەقلىدىي بويۇم ئەمەس، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جەسىتىدىن ئېلىپ قالغان. جياڭ ھەدە «قول جازاسى» دەپ ئاتىلىدىغان جازاغا تارتىلغان بولۇپ، بەش تال تاياق بىلەن بارماقنى قىسىپ، ئىككى تەرەپتىن ئارغامچا بىلەن تارتسا، جان چىققۇدەك ئاغرىيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر