باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى

2016.05.25 14:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش يەنىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايوندا ئىككى يىلدىن بۇيان مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ئاساس قىلىنىپ، ھەقىقىي مەبلەغ سېلىنىپ، خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇلۇپ ئەمەلىي ئىشلەندى. يوقتىن بارلىققا كەلگۈچە، نۇقتىدىن كۆلەملەشكۈچە مائارىپتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلدى ۋە يولغا قويۇلدى، مائارىپتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش نۇرى ھەر بىر ئائىلىگىچە چېچىلدى.

  مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

  ئاپتونوم رايون بۇ يىل قوش تىل مائارىپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالدىن 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر تۈركۈم قوش تىل يەسلىسى قۇرۇپ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۆپ يول، كۆپ تەدبىرلەر ئارقىلىق تولۇقلىدى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكىلەرنىڭ بۇ يىل 10 مىڭ كىشىدىن ئېشىشىدا ئۈمىد بار.

  بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئادەم ئاساس، مائارىپ ئاچقۇچ. مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى مائارىپ خىزمىتىگە يېڭى نىشان، يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا، قوش تىل مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپ بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، مەركەزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۇپ، مائارىپنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئەلرايىنى مايىل قىلىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇللۇق، باشلامچىلىق، ئومۇمىيلىق رولى جارى قىلدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى يىلىغا تەخمىنەن 50 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئۇدا بەش يىل يۇقىرى بولدى.

   مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا مائارىپ كاپالىتى ئاساسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، ئىككى يىلدىن بۇيان يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئىككى يىللىق مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتى قاتارلىق تۈرلۈك كاپالەت خىراجەتلىرى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە ئالىي ۋە كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە مەبلەغ ئاجرىتىش، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە جامائەت مەبلىغى ئاجرىتىش خىزمىتى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئالىي مەكتەپ مائارىپى ئوقۇتۇشىغا يىلىغا 3 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە مەبلەغ ئاجرىتىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېزىلاردىكى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانى، يېزىلاردىكى قوش تىللىق، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك نۇقتىلىق مائارىپ ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. ئاپتونوم رايون 2015 - يىلىلا ھەر دەرىجىدىكى تۈرلۈك مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا 2 مىليارد 362 مىليون يۈەن ياردەم بېرىپ، 1 مىليون 708 مىڭ 900دىن ئارتۇق كىشىگە نەپ يەتكۈزدى. شىنجاڭنىڭ يىراقتىن ئوقۇتۇش تور قۇرۇلۇشىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۆپ پەنلىك مائارىپ بايلىقىغا تايىنىپ، «ئۈچنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىككى سۇپا بەرپا قىلىش» (ئالاقە تورىنى ھەممە مەكتەپكە ئۇلاش، سۈپەتلىك بايلىقتىن ھەممە سىنىپ ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەممەيلەنگە تور ئۆگىنىش بوشلۇقى يارىتىپ بېرىش، مائارىپ بايلىقى جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىش) ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  مەبلەغ سالمىقى ئەڭ زور، پىلانى ئەڭ ياخشى، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، مەنپەئەتلىنىدىغان ئامما ئەڭ كۆپ بولغان مائارىپتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى ئامما قەلبىدىكى ھەقىقىي ئەلرايى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندى.

  ئادىل يولغا قويۇشتا ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىلدى

  بۇلتۇر يازلىق تەتىلدىن كېيىن، ئاۋات ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سودىيە مەمەتنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇماسلىقنى ئويلاشقانىدى، لېكىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى يولغا قويغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىنى ھەقسىز ئوقۇش سىياسىتى ئۇنى ئوقۇشتىن قېلىش نىيىتىدىن ياندۇردى.سودىيە مەمەت: «ئوقۇش، كىتاب ۋە ياتاق ھەققىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئىكەن، يەنە تۇرمۇش خىراجىتى بېرىدىكەن. ئەمدى غەم - ئەندىشەم قالمىدى، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى يەنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىتىمەن» دېدى.

  مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 2013 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، 4102 - يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى سىياسەتنى يولغا قويۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ھەقسىز تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شۇ يىلى 90 مىڭدىن ئارتۇق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇ سىياسەتتىن مەنپەئەتلەندى.

  ھەقسىز مائارىپ سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتىنىڭ زور نىسبەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، مائارىپ ئادىللىقىنىڭ ئىللىق نۇرلىرى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلە بالىلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يول ئېچىپ بەردى.

  مائارىپ ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يەنە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويدى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ياردەم بىلەن قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. «بىرىمۇ كەم بولماسلىق، بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىق» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئائىلە ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەر بىر بالىنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  قوش تىل مائارىپى گۈزەل كەلگۈسى يارىتىۋاتىدۇ

  5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سۇنجاچىنىرۇ يېزىسىدىكى يەسلى ئاشخانىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا چاپلانغان تاماق تىزىملىكىگە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە پولۇ، مانتا، سۈت، تۇخۇم قاتارلىق ئوزۇقلۇقى مول ھەر خىل تائاملارنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم.

  ئائىلە باشلىقى ئابلىز قاسىم: بالام ھازىر يەسلىگە بېرىشقا بەك ئامراق، بۇ يەردە ئويۇن ئوينىيالايدۇ، ناخشا ئېيتىدۇ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ، يەنە ئوخشىغان قورىما ۋە پېچىنە - پىرەنىكلەرنى يېيەلەيدۇ، دېدى. ئابلىز قاسىمنىڭ سۆزى ئاددىي بولسىمۇ، قوش تىل يەسلىسىنىڭ بالىلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلدى.

  2013 - يىلىدىن باشلاپ، مەركەز مالىيەسى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ناھىيەلەر تۈر ئايرىپ راسخوتنى نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئىككى يىللىق مائارىپ خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىشىنى مەملىكەت بويىچە ئالدىن قوللىدى. يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئىككى يىللىق مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى نۇرى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئەزىز مەمەت تونۇشتۇرۇپ: «بۇ بىر قانچە يىلدا يەسلىگە نۇرغۇن ئەسلىھە كۆپەيتتۇق. نۇرى يېزىسىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل يەسلىسىدە جەمئىي 341 بالا بار، جامائەت خىراجىتى كۆپەيتىلىپ يىلىغا 200 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، يەسلىلەرنىڭ تەربىيەلەش سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى»، دېدى.

  2014 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، كاپالەت دائىرىسى ۋە ئوبيېكىتلىرى يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە توققۇز ناھىيە، شەھەردىكى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپى دائىرىسىدىكى ھەر مىللەت بالىلاردىن ئاپتونوم رايون يېزىلىرى (ناھىيە، بازار، شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردىكى شەھەر رايونى بولمىغان يېزا - بازار ۋە يېزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپى دائىرىسىدىكى ھەر مىللەت بالىلارغا كېڭەيتىلدى. بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن شۇ يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىن 450 مىڭ بالا نەپكە ئېرىشتى. كاپالەت تۈرى بالىلار تاماق ياردەم پۇلى (ھەر بىر بالىغا يىلىغا 1000 يۈەن)، ئىسسىنىش خىراجىتى ياردەم پۇلى (ھەر بىر بالىغا يىلىغا 120 يۈەن)، كىتاب ياردەم پۇلى (ھەر بىر بالىغا يىلىغا 90 يۈەن)، يەسلى جامائەت خىراجىتى (ھەر بىر بالىغا يىلىغا 600 يۈەن)، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون تەكلىپلىك ئىشلەتكەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مائارىپ كەلگۈسىنى يارىتىدۇ، مائارىپ ئارزۇغا يەتكۈزىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2015 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 520 مىڭ 800 ئاز سانلىق مىللەت بالىسى قوش تىل مائارىپىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان (بەش - ئالتە ياش) ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى (662 مىڭ)نىڭ %78.67ىنى ئىگىلەپ، 2009 - يىلىغا قارىغاندا %100 ئاشقان.

  بۇ سانلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئارقىسىدا، سانسىزلىغان مەنپەئەتلەنگەن بالىلار، سانسىزلىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشكەن سانسىزلىغان ئائىلىلەر بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر