باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تېخىمۇ زور تارىخىي مۆجىزىلەرنى يارىتايلى

−− شىزاڭ ئاپتونوم رايونى تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىغا ئاتاپ

2016.05.23 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخىي خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئادەتتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. 65 يىل ئىلگىرىكى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىزاڭ تارىخىدىكى دەۋر خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرۇلۇش نۇقتىسى.

  مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى 1951-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى شىزاڭنى تىنچ ئازاد قىلىش ھەققىدە «17 ماددىلىق كېلىشىم» ئىمزالاپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىزاڭغا كىرىپ، شىزاڭنى تىنچ ئازاد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شىزاڭ قاراڭغۇلىقتىن يورۇقلۇققا، قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا، نامراتلىقتىن بېيىشقا، مۇستەبىتلىكتىن دېموكراتىكقا، فېئوداللىقتىن ئېچىۋېتىشقا قاراپ مېڭىشتەك يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى.

  تىنچ ئازاد قىلىنغاچقا، 1959-يىلى شىزاڭدا مىليونلىغان يانچىنى ئازاد قىلىشتەك دېموكراتىك ئىسلاھات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھوقۇق بىرلەشكەن فېئوداللىق يانچىلىق تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىشقا ئايلاندى؛ تىنچ ئازاد قىلىنغاچقا، 1965-يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئىشلارنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىلەندى؛ تىنچ ئازاد قىلىنغاچقا، شىزاڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈم ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدىن ئىبارەت داغدام يولغا ئاتلىنىپ، «قىسقىغىنە ئون نەچچە يىلدا، نەچچە مىڭ يىل ھالقىش»تەك مۆجىزە ياراتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر