باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ھەقىقىي تەتقىقات ۋە مۇھاكىمىلەر كۆپرەك بولسا

2016.05.23 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەلۇم جاينىڭ بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن ئەسەر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئەسەرنى ھەدەپ ماختىماستىن، بەلكى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ئەسەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسەتتى، بەزىلەر ھەتتا تۇتۇشۇپمۇ قالدى. بۇنداق يىغىن كەيپىياتى ماڭا باشقىچە تەسىر بەردى.

  ئىلمىي ئالماشتۇرۇشنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مۇھاكىمە يىغىنلىرىمۇ دائىم ئېچىلىپ تۇرىدىغان بولدى. بىر قېتىملىق يۇقىرى سۈپەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق كونكرېت مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئەقىل توپلاپلا قالماستىن، يەنە تەپەككۇرنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ قىممەتلىك مەنىۋى ئوزۇققا ئېرىشكىلى بولىدۇ. لېكىن، رېئاللىقتا بەزى مۇھاكىمە يىغىنلىرى پەقەت شەكىل ئۈچۈنلا ئېچىلىپ، ھەممە بىلىدىغان تەكەللۇپ گەپلەر بىلەنلا ئاخىرلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق يىغىننىڭ يا ئەھمىيىتى يوق، يا مۇھاكىمە قىلىشقىدەك كەيپىيات يوق، ھەتتا بەزىدە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دوست بولغاچقا كىشىلەر «گۇرۇھ مەدەنىيىتى» دەپ ئاتىشىدۇ.

  مۇھاكىمە يىغىنىنى ئىلىم ئىگىلەش پوزىتسىيەسى بويىچە ئۆتكۈزگەندە، تەتقىقات نەتىجىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، چوقۇم ئىلىمنىڭ ئۆزىگە قايتىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا مەلۇم ئۆلچەم ياكى مۇئامىلىگە ئۆزگىرىپ، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ۋاقتى، پۇلى ئىسراپ بولىدۇ، ئىلىم ئالماشتۇرۇشقا قىلچىلىك پايدىسى بولمايدۇ، تېگى-تەكتىدىن شەكىلۋازلىق ھېسابلىنىدۇ. ھەقىقىي تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىلا، يىغىننىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئېشىپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر