باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

كادىرلار ئالاقىنى ئۈزۈپ قويسا بولمايدۇ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا تېخىمۇ بولمايدۇ

2016.03.28 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېلېفون ئىتىك بولغاچقا، ئۇزۇن ۋاقىت ئالاقە قىلىشقا ئامال بولمىغانلىقتىن، شەنشى ئۆلكىسى لىچۈەن ناھىيەلىك تۇرالغۇ ئۆي-قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ ئەيگو ناھىيە بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەنقىدلەندى. ئىگىلىنىشىچە، مەلۇم خىزمەت كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى بىر تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا خىزمەت تەكشۈرگەن، ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسى تېلېفوندا جاۋ ئەيگو بىلەن ئالاقىلاشقاندا، ئۇنىڭ تېلېفونىنىڭ ئىتىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئالاقىلىشالمىغان. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ «بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى 6 تۈرلۈك ئىنتىزام بەلگىلىمىسى» ئىچىدىكى «بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرنىڭ ئالاقىلىشىش قوراللىرىنى تاقىۋېلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، خىزمەت كۈنى ۋە بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە 24 سائەت ئوچۇق تۇرۇشى لازىم» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جاۋ ئەيگو ناھىيە بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەنقىدلەندى.

  قاتتىقلىق ئىنچىكىلىكتىن كېلىدۇ، ئەمەلىيلىك قاتتىقلىق داۋامىدا مەنىسىنى تاپىدۇ. تېلېفوننىڭ توكى تۈگەپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بىراق بۇ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە ئەمەس. مەسىلەن، ياندا زاپاس يان تېلېفون ياكى توكدان ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر يەنىمۇ ئەستايىدىل بولسا، خىزمەتداشلىرى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويسا، نەگە بارىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى دەپ قويسا بولىدۇ. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، كادىرلار بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ، مەسئۇلىيەت «ئورنىنى تاپالمىسا» تېخىمۇ بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر