باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دېموكراتىيە ئارقىلىق ئەل رايى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى قوغدايلى

-12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2016.03.17 13:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئومۇمىيەتنى، ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ، چوڭ ئىشلارنى كېڭىشىپ، زور پىلاننى كۆزلىگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ىەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 16-مارت بېيجىڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، قانۇندا بېكىتىلگەن تەرتىپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىندى، ۋەكىللەر «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن دىققىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دېموكراتىيە، ئىتتىپاقلىق، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ۋە دادىل ئىلگىرىلەشنى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان دەۋر بېتىگە يازدى. مول نەتىجىلىك، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بۇ يىغىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  يىغىندا، ئېلىمىزنىڭ «12-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ بۇلتۇرقى بىر يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى نامايان قىلىنىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشقا قەسەم بىلەن ئىرادە باغلاپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك خەلق ھېسسىياتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق ياراتقان ياخشى دوكلات. يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە «ئىككى ئالىي مەھكىمە» نىڭ خىزمەت دوكلاتى، «خەيرىيەت قانۇنى» ۋە ئالاقىدار تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تونۇش ۋە قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر