باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىئيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىنى ياخشى قىلايلى

--باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەىش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكى توغرىسىدا

2016.03.16 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئايدا، مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچى يەنە بېيجىڭدا مۇجەسسەملەندى.

  يېقىندىن بۇيان، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شاڭخەي، خېيلۇڭجياڭ، خۇنەن، چىڭخەي ۋە ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا ئايرىپ-ئايرىم قاتنىشىپ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلىنىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.

  خەلققە تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى

  بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى بىرىنچى مۇھمى ئىش قىلىپ چىڭ تۇتۇشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ئەقىل جەھەتتىن قۇتۇلدۇرۇش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ بايلىقىنىڭ باراۋەرلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش، نامراتلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ باش پەللىدىلا يېڭىلىشىدىن ساقلىنىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى تۈگتىىش كېرەك.

  «‹13-بەش يىل› مەزگىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان مەزگىل». «جەزمەن بىر نىيەتتە بولۇپ، سالماقنى ئاشۇرۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇۇتلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك».

  «2020-يىلىغا بارغاندا، ھازىرقى ئۆلچەم ئاساسىدا، يېزىلارنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى نامراتلارنى ئومۇميۈزلۈك نامتارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئومۇميۈزلۈك چۆرۈپ تاشلاپ، بىرمۇ نامرات رايون، بىرمۇ نامرات ئاممىنى سەپتىن قەتئىي چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك».

  باش شۇجىنىڭ ھەر بىر ئېغىز قەتئىي سۆزى ۋەكىللەرنىڭ روھىنى ھەسسىلەپ ئۇرغۇتۇپ، زىمممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا قەدەمدە ئىلگىرىلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ماسلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، مەسىلىلەرنى پۇختا، ياخشى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىشنى كۆرسەتتى.

  --نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا شەكىلۋازلىق قىلىشقا بولمايدۇ. قىسمەن جايلار گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈش، قىسمەن جايلار يەنىلا ھېچنېمىسى يوق، بۇرۇنقىدەكلا نامرات بولۇشتەك ئەكس پەرق شەكىللەنمەسلىكى كېرەك. تەقلىد قىلىپ ئىشلىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ، سەلبى تەسىرى بولىدۇ.

  -- نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ھاللىق سەۋىيە باشقا-باشقا ئىش. بىر مېھنەت بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرۈشنى كۆزلىمەسلىكىمىز، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك. نىسبەتەن نامراتلىق، قالاقلىق، نىسپىي پەرق ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، بۇ ئىشنى پۇختا ۋە ئەستايىدىل قىلىشىمىز، رەقەملىك ئويۇن ئويمنىماسلىقىمىز كېرەك. باھالاشتا توغرا يۆنىلىش بولۇشى، ئىلگىرى سۈرۈش رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرىشىمىز كېرەك.

  --نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ نەچچە يىلدا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلمەي، نەچچە يىلدىن كېيىن يەنە نامراتلىققا قايتىشقا بولمايدۇ.

  --نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلىنىشنىڭ بىرىنچى سېپىنى كادىرلارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانى، كادىرلارنى باھالاپ پەرقلەندۈرۈش، يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئىشلىتىشنىڭ مۇھىم يولى قىلىش كېرەك.

  --خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇشتا قۇرۇق ھەيۋە كۆرسەتمەسلىك، بارغانلا جايلاردا ئىنكاس قايتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئادەم ئەۋەتىپ كۆزدىن كەچۈرگەندە، قىسمەنلىرى خەۋەر قىلىپ، قىسمەنلىرى خەۋەر قىلماي بېرىپ، جايلارنىڭ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، بۇ، ناھايىتى ياخشى ئىش. خەلقنى ئاساس قىلىپ، خەلقنىڭ ھالىغا يېتىشىمىز، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىمىز، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر