باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دېموكراتىيە ئەقىل–پاراسەتنى ئۇرغىتىدۇ، ئىتتىپاقلىق كۈچلەرنى مۇجەسسەملەيدۇ

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتى 4–يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2016.03.15 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشلارنى يېڭى كەيپىيات بىلەن باشلاپ، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئاتلىنايلى. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ھاۋالىسىنى زىممىسىگە ئالغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملاپ، بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەشنىڭ ساھەلەر بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭەشتى، ئۇلۇغۋار پىلانلارنى بىرلىكتە تۈزدى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقتى؛ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى دەسلەپكى لايىھەسى، خەير-ساخاۋەت قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسى ھەم باشقا دوكلاتلارنى مۇزاكىرە قىلىپ، كۆپلىگەن قىممەتلىك پىكىر – تەكلىپلەرنى بەردى. يىغىننىڭ ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇزاكىرە قىزغىن بولدى، ئەزالار چوڭقۇر كېڭىشىپ، مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئادا قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش-دېموكراتىيەنىڭ ئاساسلىق يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇردى، بۇ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. يىغىن مەزگىلىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلىمىزنىڭ تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقادىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشىنىشىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتتى. ھەر قېتىملىق دېموكراتىك مۇزاكىرە، ئەقىل-پاراسەتكە تولغان ھەر بىر پارچە تەۋسىيە، ئىجادىيلىقى مول ھەر بىر پارچە تەكلىپ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسىلىلەرنى يىغىنچاقلاش، سەمىمىي ئەقىل كۆرسىتىش، ئەمەلىيەتچىل چارە تېپىشتەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىپادىسىگە گۇۋاھ بولدى. يىغىن غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، «13-بەش يىل»نىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈردى، ئەل رايىنى مۇجەسسەملىدى، كۈچلەرنى توپلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر