باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىللىق شانلىق مۇساپىلەر ھەققىدە (1)

2015.09.24 18:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئاپتونومىيە ئورگىنى تەسىس قىلىپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈش دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھۆرمەتلىگەنلىكى ۋە كاپالەتلىك قىلغانلىقىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. 1954-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا بەش ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە مىللىي ئاپتونوم ناھىيە ۋە 43 مىللىي يېزا ئارقىمۇ-ئارقا قۇرۇلدى. 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ھەر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش، نوپۇسى سەل ئاز بولغان مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىپ ئىشلىتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھۆرمەتلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىر قاتار سىياسەت چارىلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر