باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تىنچلىق ئۈچۈن تارىخقا نەزەر سېلىش

ـ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا

2015.09.02 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (1) بۇ 70 يىلدىن ھالقىغان ھەربىي پارات، بۇ قېتىملىق كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ياد ئېتىش.

  باش كۈزدىكى بېيجىڭ تيەنئەنمىن مەيدانى يېڭىچە قىياپەتكە كىرگەنىدى، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئەتە يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي پارات مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئوفىتسېر ۋە جەڭچىلەر مەردانە قەدەم تاشلاپ ھەربىي پاراتنى باشلىنىشى بىلەن تارىخ كىنو كارتىنسىدەك كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. ھايات ۋە مامات، جەم بولۇش ۋە تارقىلىش، كۈلكە ۋە يىغا، چۈشكۈنلىشىش ۋە غەيرەت جاسارەتكە تولۇش، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق، تارىخ ۋە رىئاللىق مۇشۇ يەرگە مۇجەسسەملىنىدۇ.

  1931-1945،1937-1945،1939-1945. «18- سېنتەبىر ۋەقەسى، - ئىيۇل ۋەقەسى، 2- دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن تارتىپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىسىزىقمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلگىچە، نۇرغۇن دۆلەت ۋە سانسىزلىغان ئائىلە خانىۋەيران بولدى،كىشىلەر ئۆلۈمگىمۇ پىسەنت قىلماي كەسكىن قارشىلىق كۆرسەتتى، غەيرەتكە شىجائەتكە تولغان ئەزىمەتلەر قەيسىرانە جەڭ قىلدى.

  1945-2015. 70 يىل ئۆتۈپ كەتتى، تارىخنىڭ بوران چاپقۇنلىرى تۈنۈگۈنكى ئەسلىمىلەرنى ئۇچۇرۇپ كەتمەكتە، ساپ قېنىمىز بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن تىنچلىق ۋەزىيىتى مۇستەھكەممۇ؟ كەلگۈسى يولىمىزدا يەنە قانداق خەۋپ خەتەر ۋە خىرىسلار كۈتۈپ تۇرىدۇ؟

  تارىخ ئىنسانىيەت ئەسلىمىسىنىڭ يىل ھالقىسى بولۇپ، تۈنۈگۈننى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرىدۇ، ئۆتمۈش بىلەن ھازىرغا ئېنىقلىما بېرىدۇ. ھالقىلىق ۋاقىتتا تارىخنى ئەسلەش كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى پوزىتسىيە. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھەممەيلەن تىنچلىقنى قەدىرلىسەك، تىنچلىقنى قوغدىساق، ئۇرۇشتىن ئاچچىق ساۋاق ئالساقلا، تىنچلىقتىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدۇ.» ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى تەبرىكلەيلى، تارىخنى ئەسلەپ، تىنچلىقنىڭ قەدىرىنى قىلايلى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر