باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتىنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دېگەن ماقالىسى

2015.03.05 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى بۈگۈن «تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىشنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەيلى» دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. باش ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: باھارنىڭ ھىدى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان زەپەر مارشىنى ياڭراتتى. ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى بۈگۈن ئېچىلدى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلىدا، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇملۇقىنى زىچ چۆرىدەپ، ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. 2015-يىلى-ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ھالقىلىق يىل، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى شۇنداقلا 12-بەش يىللىق پىلان ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىغان يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، پائال ئەقىل-چارە كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىنى بىر يەرگە مۇجەسسەملەش، پاراسىتىنى بىر يەرگە جۇغلاش، كۈچىنى بىر يەرگە توپلاشقا يېتەكلەپ، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىشنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى تارىخىي سەپىرىدە، چوقۇم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ئۇلۇغۋار ئىشلارغا كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر