باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

«دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىگە قەدەم تاشلايلى»

2015.02.28 17:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن نەشىردىن چىققان خەلق گېزىتىدە يۈرۈشلۈك ئوبزورچى ماقالە «تۆت ئومۇميۈزلۈكنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە باياننىڭ «دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىگە قەدەم تاشلايلى» دېگەن تېمىدىكى 4-قىسمى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەيلى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئىچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى مۇساپە بولسۇن ياكى جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشدىكى يۈز يىللىق مۇساپە بولسۇن ۋەياكى دۇنيا سوتسىيالىزىمنىڭ نەچچە يۈز يىللىق نۇتىقىدا بولسۇن، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىستراتىگىيەلىك تەدبىرىنىڭ ھەممىسى بىر يېڭى ئىزدىنىشتىن دىرەك بېرىدۇ. ئەگەر دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى بىر چوڭ كىتاب دېسەك، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش پىروگرامما، ئاساس تۇتۇلسا، باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلىدۇ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سستېمىسى ئاچقۇچلۇق ھالقىغا، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مۇھىم مەزمۇنغا، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ باشلامچىسىغا ۋە ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا ھەم تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا بولغان تونۇشىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشى- ھاكىمىيەت يۈرگۈزۋاتقان پارتىيە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدا ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىش، ئۆز -ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر