باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

تۆت ئومۇميۈزلۈككە نەزەر سېلىپ، مەدەنىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2015.02.28 17:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «تۆت ئومۇميۈزلۈككە نەزەر سېلىپ، مەدەنىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى- يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى نەق مەيدان خاتىرسى»نى ئېلان قىلدى. ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەزەلدىن مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، ماددى مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئېلىپ بارغاندىلا، دۆلەتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى كۈچىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ماددى تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ شۇندىلا ئوڭۇشلۇق ئالغا ئىلگىرلەيدىغانلىقىنى؛ پۈتۈن جەمئىيەتتە غايە ئىتىقاد تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتقا بولغان ئىشەنچ، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش كىرەكلىكىنى؛ سوتىسيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى قۇرۇلۇشىدا روھنى مۇجەسسەملەپ كۈچ توپلاپ، مۇستەھكەم ئاساسى قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سېڭدۈرۈپ، ئۇنى بىزنىڭ مەۋجۈتلۇقىمىزغا، جۇڭگولۇقلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى؛ پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىدىيە ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنى ئالغا ئىنتىلىشقا ۋە ئەخلاقنى سۆزلەيدىغان، ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەخلاققا ئەمەل قىلىدىغان تۇرمۇشقا ئىنتىلىشقا يىتەكلەپ، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەيدىغان كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكىنى؛ مەنىۋى مەدەنىيەتتە ئاممىنى كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا يىتەكلەپ، كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان، باشقىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش داۋامىدا مەنىۋى چەكنى ئۆستۈرۈپ، مەنىۋى ئىستىلنى يىتىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ بىر يۈرۈش يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم- مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 3-،4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك»نى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر