باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

مىللىي گۈللىنىشكە يېتەكلەيدىغان ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ـــ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» نى ماس ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2015.02.25 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2012-يىلى 11-ئايدا تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى قولىغا ئالدى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئاساسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مىللىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق پىلانلاپ، داۋاملىق شان شەرەپ قۇچتى. دۆلەت موزېيخانىسىنىڭ «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسى چوڭقۇر ئويلىنىشقا، جۇڭگو ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تۈرتكە بولدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا تەكىتلەنگەن «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش» تىن تارتىپ، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش»، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا تەلەپ قىلىنغان «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش»، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئومۇمىي خۇلاسىلەش يىغىنىدا قەتئىي نىيەتتە تەكىتلەنگەن «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش» قىچە بولغان ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «ئومۇمىي پىلانغا ھەم تۇتقىنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك». 2015- يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيورۇسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كوللىكتىپ ئۆگىنىشىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزمنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ۋە مېتولوگىيەسىنى شەرھىلەپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسىنى چۈشەندۈردى. «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ھەم نىشان ھەم تەدبىر، ھەم ئومۇمىيەت ھەم مۇھىم نۇقتا، ھەر بىر «ئومۇميۈزلۈك» مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. تەرەققىيات دەۋر باش تېمىسى ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى، ئىسلاھات جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە دەۋر ئېقىمى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سېستىمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم كاپالەت، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئارىسىدا ئاددىيلا تەڭداش مۇناسىۋىتى بولۇپلا قالماي، ئورگانىك باغلىنىشلىقى بولغان ئۆزئارا تۇتاشقان يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە. ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئسلاھات روھىنى ئۇرغۇتۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» لىنىيەسىدىن سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ كەلگۈسىنى كۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر