باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورى: «چىرىكلىككە يەنە قارشى تۇرىۋەرسە چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك

2015.02.25 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەزىلەر، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پەقەتلا «ئۆتكۈنچى شامال»، ھەيۋە كۆرسىتىش دەپ قاراۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر «تۆت ئىستىل»نى تۈزىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئاساسەن يېتەرلىك بولدى، يەنە داۋاملاشسا چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۈنۈمى بولغاندىكىن، ئەمدى توختىتىش كېرەك، دەپ قاراۋاتىدۇ. بۇنداق قاراشلارغا قارىتا چوقۇم قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك، كۆرمەسكە سېلىشقا، ئەدەپ كېتىشىگە قاراپ تۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانچە تەلتۆكۈس بولسا، پارتىيە ۋە دۆلەتتە شۇنچە ئۈمىد بار بولىدۇ. «چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، بارچە كۈچنى چىقىرىپ قەتئىي داۋالاش ئىرادىسىدە تەۋرەنمەسلىك، زەھەرنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش جاسارىتى بوشىشىپ قالماسلىق، قاتتىق جازالاش ئۆلچىمىنى بوشاشتۇرماشلىق لازىم.» شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نۆۋەتتىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەرەققىي قىلىپ، يېڭى تارىخىي باقۇچقا كەلدى. «بۇ بىر مەيدان چوقۇم يېڭىش كېرەك بولغان كۈچ ئېلىشىش»، چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، چىرىك ئۇنسۇرلارنى ئۇھ دېگۈزمەسلىك ھەمدە مەسلىھەتلىشىشكە ئىمكا بەرمەسلىك، غەلبىسىرى ئىلگىرىلەش لازىم. ئەكسىچە «ئاساسەن بولۇپ قالدى»، «ھەيۋە كۆرسىتىش» ياكى بىر قىسىم ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ئارىلىشىۋېلىشى ۋە تەسىر قىلىشىغا ئۇچرىسا، خۇددىي بىر قىسىم ياما غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك «ئۆتكۈنچى شامال» بولۇپ قېلىپ، بارلىق نەتىجىلەر يوق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن بىز ھوشيار تۇرۇشىمىز لازىم.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر