باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش باش نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتەيلى

2014.10.28 15:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھە زاتلىرى دۆلەتنى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنى قىزغىن مۇلاھىزە قىلدى

  ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش باش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىز 26 – ئۆكتەبىر مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنىنى ئېچىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئاچقان يىغىننىڭ روھى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى ئاڭلىق ھالدا مەملىكەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە قويۇپ ۋە پىلانلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت ۋە تەخرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش باش نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ نوپۇزىنى قوغداش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما مىڭچېڭ مۇنداق دېدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتىدا ۋە ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى››دا مۇھىم ئىستراتېگىيە، مۇھىم مەسىلىلەرگە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلغان بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان يولداشلارغا كۈچلۈك ئىلھام بولدى. بۇنىڭدىن ھەممىمىز مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇق. بىز مەركەزنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، ‹‹مەركەزنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز›› دەيدىغان ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەمىز ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، دەيدىغان مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يەن فېنشىن مۇنداق دېدى: خەلق سوت مەھكىمىسى ئەدلىيەلىك سوت قىلىش ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ ۋە جاۋابكار بولۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كەمكۈتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى: بىرىنچىدىن، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، كالىسىنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى سالماق ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتلاش خىزمىتىنىڭ تۈزۈم مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوشۇننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەدلىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئۈچىنچىدىن، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك تالاش – تارتىش دېلولىرىنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو ليەنشەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋە توغرا ئىگىلىشى، ھەر مىللەت تەپتىش خادىملىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەپتىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي خىزمەت ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلىشى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت ۋە تەخرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەپتىشلىك مەجبۇرىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئالىمجان مەمتىمىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىلمىي قانۇن چىقىرىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەر بويىچە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىشى؛ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش جەھەتتە، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ – چوڭ قارارلىرىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپپارات، فۇنكسىيە، ھوقۇق چەكلىمىسى، تەرتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان قوشۇن قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاق ئارقىلىق باشلامچىلىق قىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق قانۇن ئىدارە قىلىدىغان قوشۇننى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن چىقىرىدىغان، قانۇن ئىجرا قىلىدىغانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى گو يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي – قانۇن ئورگىنى ھەم ھەر قايسى تارماقلارنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچەيتىشنى چوڭقۇر تونۇشى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى بولۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان تەپەككۇر ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق خىزمەتلەرنى پىلانلاشقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش بىلەن تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››تە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى كارغا كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك تەپەككۇر، تەدبىر، ئۇسۇللارنى تۈزۈملەشتۈرۈپ، قانۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى نورماللاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، بىز قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىق – تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنى تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى قانۇنىي تەرتىپ، قانۇنىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىش، مەسىلىلەرگە يولۇققاندا قانۇن ئورۇنلىرىنى ئىزدەش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىش، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىشتە قانۇنغا تايىنىشتەك ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ساڭ يۈن مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي ئادۋوكاتلىق، ھۆكۈمەت ئادۋوكاتلىقى، شىركەت ئادۋوكاتلىقى جەھەتتىكى ئەۋزەللىك ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان ئادۋوكاتلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي ساپاسى، كەسپىي ئىقتىدارى، كەسپىي ئەخلاق سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئۇنى شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر