باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىمىز

2014.10.28 15:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

  مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 27 – ئۆكتەبىر يىغىن ئېچىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ 26 – ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ليۇ يەنلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى بولۇپ، جەزمەن تېز يەتكۈزۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئورگاندىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە – ھەرىكىتىنى 4 – ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يىغىن روھىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، يىغىن روھىنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر