باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا قويۇلغان يېڭى تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرايلى

‐‐ شى جىنپىڭنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

2014.10.13 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش قانداق بولسا، پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەنىڭ ئىستىلىمۇ شۇنداق بولىدۇ. «پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ‐‐ پارتىيە پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەيدىغان، تەربىيەلەيدىغان ۋە باشقۇرىدىغان، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەۋىلىكىنى تاۋلايدىغان ئاساسلىق سەھنە، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشتىن باشلاش كېرەك». تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا يېڭى تەلەپ قويدى، بۇ پۈتۈن پارتىيە مىقياسىدا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى قەتئىي، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشنىڭ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى ھالەتكە ئايلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.

  «تەلىم ئېلىش، ئېنېرگىيە تولۇقلاش ئارقىلىق ئىدىيەمىز پاكلاندى، روھىمىز ئۇرغىدى»، بۇ نۇرغۇن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىن ئالغان تەسىراتى. مەسىلىلەر ئېنىقلاشتا، بەزىلەر تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى قايتا-قايتا تۈزەتتى، ئۆزىنى يېغىرىغا تەگكۈچە تەكشۈردى؛ ئۆزئارا تەنقىد قىلىشتا، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ناھايىتى كەسكىن بولدى، يۈزلەر قىزاردى، يۈرەكلەر دۈپۈلدىدى، ئەيىب-نۇقسانلار شەرمىساز قىلىندى... تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى پارتىيە ئەزالىرىنى سىياسىي تۇرمۇش جەھەتتە قاتتىق چېنىقتۇردى، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر