باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىش قەدىمىنى تېزلىتەيلى

‐‐ شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

2014.10.11 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇلىرىغا لايىقلىشىش لازىم»، «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە يار-يۆلەك بولۇش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ مىللىي خىزمەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز ئۈچۈن توغرا يۆنىلىش ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى يارىتىپ بەردى.

  كۆپ مىللەتلىك بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ زور بىر ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى زور پايدىلىق ئامىل. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى كۆپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىمۇ كۆپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر قەدەر قىيىن. ئەمەلىيەت كۆرسەتتىكى، تەرەققىيات ‐‐ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ئاچقۇچى، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر