باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك

‐‐‐ شى جىنپىڭنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسدا (2)

2014.10.11 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ھەرقانداق ئىش ئەستايىدىل ۋە قاتتىق بولۇش ئاساسىدا ئورۇندىلىدۇ. «بىز كوممۇنىستلار ئەستايىدىل بولۇشقا ھەممىدىن ئەھمىيەت بېرىمىز، ئەستايىدىل بولۇشتا قاتتىقلىقنى ئاساس قىلىمىز»، «قاتتىق بولۇش بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ كاپالىتى»، «ھەددىدىن ئاشقان قاتتىقلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس»، «ئىنتىزامدا تېخىمۇ قاتتىق بولۇشىمىز كېرەك».... «قاتتىق» سۆزى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە باشتىن-ئاخىر سىڭگەن. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، چوقۇم قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق ئىنتىزامدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش، قاتتىق چەكلىمە قويۇش، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، تۈزۈمنى يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى، ئىنتىزامنى ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان قىزىل سىزىققا ئايلاندۇرۇش لازىم، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە زور نەتىجە قازىنىشىمىزدىكى سەۋەب قاتتىق بولۇشنى ئاساس قىلغانلىقىمىزدا. سەككىز بەلگىلىمىنى قاتتىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىشتا مەركەز رەھبەرلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولدى؛ ئاشكارا تەكشۈرۈش، خۇپىيانە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەر بايقىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرى ئاشكارا ئېلان قىلىندى؛ مەسىلىنىڭ نېگىزى توغرا تېپىلدى؛ دېموكراتىك تۇرمۇش قاينام-تاشقىنلىققا تولدى؛ ھەر دەرىجىلىك نازارەتچىلىك گۇرۇپپىلىرى قاتتىق نازارەتچىلىك ۋە ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلدى... يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش، قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئىستىل تۈزەش روھىنى باشىن-ئاياغ ئىزچىللاشتۇرۇش، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى شەكىلۋازلىقتىن، چوڭ سۆزلەشتىن، رەسمىيەتچىلىكتىن خالىي قىلىپ، ئۇنى قەلىبلەرگە چوڭقۇر سىڭگەن مەنىۋى پاكلىنىشقا ئايلاندۇرۇپ، خەلققە كوممۇنىستلارنىڭ «گېپىدە تۇرىدىغان، باسقان قەدىمىدىن نەتىجە قازانماي قالمايدىغان» سىياسىي پەزىلىتىنى نامايان قىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر