باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى چىڭىتايلى

‐‐‐ شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ مىللىي خىزمەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2014.10.11 08:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشقاقلىق ۋە مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقنى ساقلىيالىشىدىكى سەۋەب ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق قىممەت ئىستىكى ۋە مەنىۋى مەنزىلگە ئىگە بولغانلىقىدا؛ تارىخ ئېقىنىدىكى مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەردە مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتماي ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلالىشىدىكى سەۋەب ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شان-شەرەپ ۋە جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولىدىغان تەقدىرداشلاردىن بولغانلىقىدا.«جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە، ئۇزاقنى كۆزلىگەن ئاساستا تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ئېتىراپىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پائال يېتىشتۈرۈش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ مىللىي خىزمەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئىتتىپاقلىق-بىرلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخىنى نەزەردە تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشنىڭ يۆنىلىشى ۋە يوللىرىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، مىللىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئىدىيەۋى ئېنېرگىيە بېغىشلاپ، مۇھىم مىزان تۇرغۇزۇپ بەردى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. تارىخ ئىسپاتلىدىكى، مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىغاندىلا ئىستىقبال ۋە ئۈمىدكە ئېرىشەلەيدۇ. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان-ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 36 يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشى ۋە ئېتىراپى بولغاچقىلا، ئىپتىخارلىق نەتىجىلەرنى يارىتالىدۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنى دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا مەردانە قەد كۆتۈرگۈزەلىدۇق. مانا بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەشنى قايتا-قايتا تەكىتلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر