باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتىنىڭ «ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ يولدا» دېگەن تېمىدىكى ئوبزورچى ماقالىسى

2014.10.10 23:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن نەشىردىن چىققان خەلق گېزىتىدە «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ يولدا» دېگەن تېمىدىكى ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجىربىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ 8 تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بىزنىڭ يېڭى باسقۇچتىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، بوشاشماي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش روھى ۋە غەيرىتى بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساش ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلىغاندىلا، پارتىيىنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغىلى، پارتىيەنى مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغىزغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر