باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى

2014.09.30 08:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر كۈزىتىپ، پارتىيە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە ئوتتۇرىغا قويغان دەۋر تېمىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئاز سانلىق مىللەت ۋە مىللىي رايونلار تەرەققىياتىدىن ئىبارەت تۈپ بۈيۈك پىلان ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، بىر يۈرۈش مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چىقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ساغلام تەرەققىيات يولىغا باشلىدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، نۇرغۇن كۈچ چىقاردى، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرى، چېگرا رايونلار، ئالاھىدە نامرات كىشىلەرگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، توغرا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ، جايىدا يۆلەش، تۈپتىن يۆلەش، ئائىلىلەرگىچە يۆلەش كېرەك، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلارنى، چارۋىچىلىق رايونلىرىنى، چېگرا رايونلىرىنى، نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەر رايونلىرى تەرەققىياتىنى يۆلەش قاتارلىق سىياسەت تەدبىرلەرنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم تەستىقى، كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللىي سياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى بارلىق ئامال چارىلار بىلەن تېزلىتىپ، مىللىي رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىشى كېرەك، 2013-يىلى مەركەز مالىيەسى مىللىي رايونلارغا ئاجراتقان پۇل ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشتى، مەركەز مالىيەسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى، چېگرىنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى مەخسۇس مەبلىغى، ئاز سانلىق مىللەت ئالاھىدە كەنتلىرىنى قوغداش مەخسۇس مەبلىغى 2012-يىلدىكىدىن %13.1، %50 ۋە %53.8 ئاشتى، ھەقىقى نەپ بېرىدىغان سىياسەتلەر يەنى غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش ئىستراتگىيەسى، نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى داۋاملىق يولغا قويۇلدى، جايلار ۋە تارماقلار تېخىمۇ جاسارەتكە كېلىپ، مىللىي رايونلاردىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتىنى قوللاش، مىللىي رايونلارنىڭ كاپىتال بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپلەرنى بارغانسېرى كۈچەيتىش، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلاردا نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق مىللىي رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئىشلىرىنى توغرا يولغا كىرگۈزدى، يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە مىللىي رايونلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچى ئاشتى، ئۆتكەن يىلى 8 مىللىي ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تېز ئېشىپ، %10.7 گە يەتتى، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ۋە شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم ئايرىم ئالدىنقى يىلدىكىدىن %13.9 ۋە %10.5 ئاشتى، جۇڭخۇا ئېلىغا قارايدىغان بولساق مىللەتلەر ئىتتپاقلىق گۈللىرى ھەممە يەردە پورەكلەپ ئېچىلدى، ھەممە يەردىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ناخشىلىرى ياڭرىدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى دەيدىغان ئىتتىپاقلىق ئارزۇسىنى ، ھەر مىللەت خەلقى زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈرۈش قىلىشتەك تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەنزىلىگە يېقىن قالدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر