باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

قەدەمنى پۇختا بېسىپ، چىدامچانلىقنى ساقلايلى

2014.06.17 19:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‐‐‐‐ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قانداق كۈچەش كېرەك (6)

  مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى پائال سىناق قىلىنماقتا... يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات دولقۇنى باشلاندى. ئۈزلۈكسىز چوقۇرلىشىۋاتقان ۋە كېڭىيىۋاتقان ئىسلاھات داۋامىدا، مۇرەككەپ مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرىدە قانداق بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك؟ جاپالىق قىيىن جەڭ داۋامىدا رېتىمنى قانداق ئىگىلەش كېرەك؟ «تاغدىن ئاشساق ئالدىمىزدا يەنە بىر تاغ كۆرۈنىدىغان» جاپالىق شارائىت جاسارىتىمىز ۋە چىدامچانلىقىمىزغا سىناق بولىدۇ.

  «جايلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئىسلاھات جېڭىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك». «قىيىنچلىقنى بىرمۇبىر يېڭىپ، مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر ھەل قىلىپ، تەدبىر قوللىنىشقىمۇ، تاقابىل تۇرۇشقىمۇ ماھىر بولۇپ، قەدەمنى پۇختا تاشلاش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ رىتىمى ۋە ئۇسۇلىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. دادىل ئىشلەش، دادىل سىناق قىلىشتەك روھى ھالەت ۋە پۇختا ئىشلەش جاسارىتى بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان چىدامچانلىقنى ساقلاش، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ غالىبىيىتى ۋە مەغلۇبىيىتىنى بەلگىلەيدۇ.جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر