باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئىلغار تىپلارنى ئۈلگە قىلايلى

‐‐‐‐ 1-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

2014.06.11 00:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇنداق بىر مەسەل بار: ئەجدىھا قوۋۇقى بەك ئېگىز بولغاچقا، سازان بېلىقلار ئەجدىھا شاھقا بوسۇغىنى تۆۋەنلىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىپتۇ، كېيىن ھەممىسى ناھايىتى ئاسانغا قۇۋۇقتىن سەكرەپ ئۆتۈۋاپتۇ، لېكىن ئەجدىھاغا ئايلانماستىن سازان بېلىقى پېتى قېلىۋېرىپتۇ. بۇ مەسەل ئۆلچەمنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆلچەم يۇقىرى بولغاندىلا سۈپەت ئۆسىدۇ، 1-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تۈزەش خىزمىتىنى قەتئىي تۈردە ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىمۇ، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ، مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئاممىنىڭ ئىستىكىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئىلغار تىپلارنى ئۈلگە قىلىپ، ھەقىقىي ئۆزگەرتىش، ئەمەلىي ئۆزگەرتىش ۋە ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش كېرەك.

  نۆۋەتتە، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، روشەن نەتىجىلەرنى ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانائەتلىنىش خاھىشى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلار ئىستىلىم ئوبدان ئۆزگەردى دەپ قاراۋاتىدۇ؛ بىر قىسىم ئورۇنلار «لايىقىدا بولسىلا كۇپايە» دەپ قاراپ «ياخشىلىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان توختاپ قېلىۋاتىدۇ». لېكىن «كىنىشكا بېجىرىش تەس بولۇش» ئىللىتىنى تۈزەش قىيىنغا چۈشۈشتىن «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تاماملاش تەس بولۇشقىچە، تۈرلۈك ئەمەلىي مەسىلىلەر بىزنىڭ تېخىمۇ سەگەك بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۆزىمىزگە يۇقىرى باھا بەرگىنىمىز بىلەن مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىدىن تېخى يىراق؛ كەيپىمىز چاغ بولغان بىلەن ئىلغار تىپلارغا سېلىشتۇرغاندا پەرق تېخى چوڭ. ئىشنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويۇپ، ھەقىقىي تۈزىمىسەك، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولمىسا، پائالىيەت چالا-بۇلا پېتى قالسا، ئاممىنى نائۈمىدتە قويىمىز. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر