باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: دىن خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەيلى

‐‐‐ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

2014.06.05 08:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆپ مىللەت، كۆپ دىن بولۇش ‐‐ شىنجاڭنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى؛ مىللەتلەر ۋە دىنلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىشلارغا چېتىلىشى ‐‐ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى.

  «دىن خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە لايىقلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك». ئىككىنچى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دىن خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى، ئۇسۇلى ۋە يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ‐‐ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېتەكچى ئىدىيە ۋە تۈپ مىزان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشىدىن پىچانغىچە، كۇنمىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بىرقاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئارقىسىدا دىنىي ئاشقۇن ئىدىيەنىڭ سايىسى بار. دىنىي ئاشقۇن ئىدىيە بىر خىل كۈچلۈك بىھۇش دورىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن زەھەرلىنىپلا قالسا، ئادەتتىكى ئادەممۇ ئادەم ئۆلتۈرسە كۆزىنى مىت قىلىپ قويمايدىغان ئالۋاستىغا ئايلىنىپ، «دىن ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدۇ»، «غازاد» قىلىپ جەننەتكە كىرىشنىلا ئويلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ، ھاياتىنى نابۇت قىلىدۇ. دىنىي ئاشقۇن ئىدىيەنىڭ ماھىيىتى دىننى بۇرمىلاپ، دىن ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىش ۋە زوزراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كۈشكۈرتۈشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتنى قوغداش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنى چەكلەش، ئاشقۇنلۇقنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش» ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغاندىلا، دىنلار ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغىلى، 22 مىليون شىنجاڭ خەلقىگە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر