باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيلى

2014.06.04 09:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۈرۈش توغرىسىدا (2)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. ھازىر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا 47 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 22 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئامما ياشايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا تەكىتلىگەندەك، شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىدىكى بۇ ئۇل تاشنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھاۋا ۋە قۇياش نۇرىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى بىۋاسىتە سېزەلمەيمىز، ئەمما ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالساق ئەسلا ياشىيالمايمىز. ئوخشاش ئاسمان ئاستىدا ئوخشاش زېمىنغا دەسسەپ تۇرۇۋاتقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ئۆز ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك.

  كۇنمىڭدا ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، بىر ئۇيغۇر كادىر ئۈندىداردا: ھەر مىللەت خەلق ئانار ئۇرۇقىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك، دەپ مۇراجىئەت قىلدى، بۇ ھەم 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانسېرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنىڭ پولات قورغىنىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئورتاق قەلب ساداسى.

  ھازىر شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىچكى – تاشقى ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يېڭى تەلەپلەر قويۇلدى. سىياسەت ۋە تاكتىكا پارتىيەنىڭ ھاياتى. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆم ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. سىياسەتلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىرگەندىلا، مىللەتلەر ئارىسىدا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئەڭ زور دەرىجىدە تايانغاندا، ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر پۇقرا جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنەلەيدۇ.

  ئۇرۇق – تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى يېقىنلىشىدۇ، ھېسسىيات يېقىنلاشقانسېرى كۈچىيىدۇ. مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا قايىل بولۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بەرگەندىلا، چىن مەنىدىن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولالايدۇ. باردى – كەلدى قىلىش، مۇڭدىشىش – سىردىشىشلارغا چوڭ سىياسەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، قوشۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدىكى ئورتاق قۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئۆزئارا گىرەلەشكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەربىيەلىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئولتۇراقلىشىش كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش كېرەك، ھەر مىللە ئامما ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش مۇھىتىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى چىڭىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتەلەيدۇ.

  ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى 56 مىللەت ئورتاق قۇرغان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كەلگۈسىمۇ يەنىلا 56 مىللەتنىڭ ئورتاق يارىتىشىغا تايىنىدۇ. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئۈمىدكە تولغان مۇنبەت زېمىندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىسەكلا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پۇرەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇستەھكەم ئاساس ۋە خورىماس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر