باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

«يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىغى»نىڭ گۈزەل كەلگۈسى (خەلقئارا مۇنبەر)

2013.12.09 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىغى»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مېنىڭچە، بۇ تەشەببۇس ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە كاتېگورىيەنى قاپلىغان بولۇپ، چوڭقۇر ئىنسانىي مەزمۇنغا ئىگە.

  «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىغى»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدا، ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن پۈتۈنلەي يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ زامانىۋى «يىپەك يولى» ئۆتكەن جايلارنىڭ كۆپ قىسمىدا يېڭى تۇرالغۇ رايونى بىلەن جامائەت ئەسلىھەلىرى قەد كۆتۈرۈپ، تۇرمۇش ئۈچۈن «يېڭى ئوچاق قۇرۇلدى». بىر قىسىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان شەھەرلەر بارلىققا كەلمەكتە، كونا شەھەرلەرمۇ تەرەققىي قىلىپ كېڭەيمەكتە. زور بىر تۈركۈم خىزمەت ئورنى شۇ جايدىكى خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن تەمىنلەيدۇ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى تېخىمۇ بېيىيدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، شۇ جايدىكى ئادەتتىكى خەلقنىڭ گۈزەل باياشات تۇرمۇش ئارزۇسى روياپقا چىقىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو ئارزۇسى ئىدىيەسى بىلەن قازاقىستاننىڭ دۆلەتنى كۈچلۈك، خەلقنى باي قىلىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئوخشاش. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر