باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى ئىگىلەيلى

ـــــ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۇرۇش توغرىسىدا

2013.11.15 20:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى پىلان، يېڭى تەدبىرلەر ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى. نىشان ئېنىق بولغاندا، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ياخشى بېكىتكىلى بولىدۇ؛ ۋەزىپە ئېنىق بولغاندا، كۈرەش يولىنى ياخشى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

  ئەمدىلا يېپىلغان پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى، يەنە بىر قېتىم تارىخىي نىشاننى بېكىتىپ، «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانى قىلدى. بۇ نىشان ئىسلاھات-تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى بىلەن شارائىتىنى ئۇنىۋېرسال مۇلاھىزە قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئومۇمىي نىشانغا ئىگە قىلدى.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بىلەن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ــــ دۆلەت تۈزۈمى ۋە تۈزۈم ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ــــ پارتىيە رەھبەرلىكى ئاستىدا دۆلەتنى باشقۇرىدىغان تۈزۈم سىستېمىسى، ئۇ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تۈزۈم مېخانىزمى، قانۇن-نىزام ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، زىچ تۇتاشقان، ئۆز ئارا ماسلاشقان بىر پۈتۈن دۆلەت تۈزۈمى؛ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ــــ دۆلەت تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپ ئىشىلىرىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى، ئۇ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەر تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىككىسى ئورگانىك پۈتۈنلۈك بولۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ياخشى بەرپا قىلىنسا، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؛ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ. ئومۇمىي يىغىندا بۇنداق بىر ئومۇمىي نىشاننىڭ تىكلىنىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر قائىدىسى ھېسابلىنىدۇ.

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر