باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>يېڭى يىپەك يولى>>ئوبزور

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش بۈيۈك تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2013.11.14 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش ــ ئوخشىمىغان جايلارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان جايلارنىڭ پايدا-مەنپەئىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، رايونلارنىڭ تىنچ-مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، جۇڭگودىن باشلانغان يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، شۇنىڭدەك تېخىمۇ يىراقتىكى ئافرىقا، ياۋروپا قاتارلىق رايونلاردىكى دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، سودا ئالاقىسى قىلىشتىكى مۇھىم يولىغا ئايلانغان. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش تەشەببۇسى جۇڭگونىڭ يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇزاق تارىخىي ئالاقىسىنى مەنبە قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت رېئال تەلىپىگە ماس كېلىدۇ، يىپەك يولى بويىدىكى رايونلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  20 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى راۋاجلىنىپ، كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ھەمكارلىق ۋە سۆھبەت مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، نۇرغۇنلىغان چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. نۆۋەتتە، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىگە دۇچ كېلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئەڭ زور چەكتە جارى قىلدۇرۇش ئارزۇسى تەخرسىزلەشتى. «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن تەڭ قىزغىن قوللاشقا ئېرىشتى.

  «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش ــ يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقنى قوغداش، ئىختىلاپلارنى پەسەيتىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى. يىپەك يولى بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى تۈگۈنىگە ئايلانغان، يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر-بىرىنى تولۇقلاش، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولغان. يېڭى ۋەزىيەتتە، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش ــ ئوخشىمىغان جايلارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان جايلارنىڭ پايدا-مەنپەئىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، رايونلارنىڭ تىنچ-مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىش بولۇپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى لازىم. يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر باشلامچىلىق بىلەن سىياسەت ئالماشتۇرۇش، يوللارنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، پۇل ئوبوروتى ۋە ئەل رايى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغاندىلا، قالغان جايلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، قەدەممۇ-قەدەم رايونلارنىڭ كەڭ ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر