باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>يېڭى يىپەك يولى>>ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا شىنجاڭ ئالدى بىلەن قايسى خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك؟ (1)

رەھمەتجان ئەھمەد

2013.11.13 16:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قەدىمكى ‹‹يىپەك يولى›› ئۇقۇمى ئاساسىدىكى يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئۇقۇمى. بۇ بەلباغدىكى رايونلاردا 30 نەچچە دۆلەت، 3 مىليارد نوپۇس بولۇپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدۇ، بازار كۆلىمى ۋە يوشۇرۇن كۈچى تەڭداشسىز، شەرق تەرىپى ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىساد چەمبىرىكىگە تۇتىشىدۇ، غەرب تەرىپى تەرەققىي تاپقان ياۋروپا ئىقتىساد چەمبىرىكىگە چېتىلىدۇ، بۇ ھازىر ‹‹ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور بولغان چوڭ ئىقتىساد كارىدورى›› دەپ قارالماقتا.

  ‹‹ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى ئورتاق قۇرۇش ئېلىمىز بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىقىنىڭ، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىشىنىڭ ئېھتىياجى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىزنى غەربكە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربكە يۈرۈش قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي سىنىقى.

  شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ ‹‹ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ ئالدىنقى فىرونت، ئىقتىسادى سودا، ئىجتىمائىي ئالاقىنى كېڭەيتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ‹‹ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇشتىكى ئىككى چوڭ يادرولۇق مەسىلىگە ئايلاندى.

  ئەڭ ئالدىنقى فىرونت بولۇشتا ئىقتىسادى سودا، ئىجتىمائىي ئالاقىنى كېڭەيتىش جەھەتتە شىنجاڭ ئالدى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ مۇقەررەر يولىدا قەتئىي مېڭىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئون تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك:

  1. شىنجاڭ ئالدى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ مۇقەررەر يولىدا قەتئىي مېڭىشى كېرەك

  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا، يولنى توغرا تاللاش كېرەك. يولنى تاللاش جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتىكى مۇھىم مەسىلە. يولنى تاللاش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتىكى مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. يول توغرا تاللانسا، مىللەتلەرنى گۈللەندۈرگىلى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتكىلى، خەلىققە بەخت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغىلى بولىدۇ؛ يول خاتا تاللانسا، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، خەلق ئازاپ – ئوقۇبەتكە دۇچ كېلىدۇ. توغرا يولنى تاللىۋالغان ئىكەنمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشقا بولغان ئىشەنچىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم. پارتىيە 18 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، پۈتۈن پارتىيەدىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا، نەزەرىيەسىگە، تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىنى چېڭىتىش تەلەپ قىلىندى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر