باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئومۇمىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

‐‐‐ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

2013.11.12 19:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنىڭ يېڭى پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن جەمئىيەت جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىن قىزغىن ئۈمىد كۈتمەكتە. كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى كىرىم تەقسىماتىدىن ئىجتىمائىي كاپالەتكىچە، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغىچە بولغان ھەر قايسى ساھەلەرگە چېتىلماقتا. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتە ئومۇمىيلىق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش شەرت.

  ھازىر ئىسلاھات قىيىن جەڭ باسقۇچىغا كىردى، يېڭى-كونا مەسىلىلەر گىرەلىشىپ كەتتى، مەنپەئەت سۇبيېكتى كۆپ خىللاشتى؛ ئىسلاھات چوڭقۇرلاشقانسېرى، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر ۋە تۈزۈلمىدىكى ئىللەتلەرگە بېرىپ تاقالدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھات ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا بىر-بىرىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. چوڭ ۋە مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر قانداق بىر ئىسلاھات تەدبىرى باشقا ئىسلاھاتلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەر بىر ئىسلاھات يەنە باشقا ئىسلاھاتلارنىڭ ماسلىشىشىغا مۇھتاج. بۇنداق ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىسلاھاتنى ئالغا سۈرۈشتە بىر نۇقتىغىلا ئېسىلىۋېلىشقا، بىر تەرەپكىلا ئەھمىيەت بېرىشكە بولمايدۇ. پارچە-پۇرات تەڭشەشلەرگە كۈچ كۆپ كېتىدۇ؛ يەككە-يېگانە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتنى باشقا ئېلىپ چىقىش تەسكە توختايدۇ. ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىپ، بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئاندىن بىر-بىرىگە ياخشى تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر