باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: يېڭىلىق ياراتقۇچىلار قوشۇنىنى توپلايلى

2013.10.29 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىگە مۇھتاج، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش باشلامچى ئىختىساسلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. «مېتال نانو ماتېرىيال تەتقىقاتى» دۇنياۋى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، يېڭى تەجرىبىلەر «كەلگۈسى نېيترىنو فىزىكىسى تەرەققىياتىنىڭ ئىشىكى ئاچتى»، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ «دېڭىز گازلىقى» «ئېچىلدى»... دۆلەت ئالىي ئىختىساسلىقلارنى ئالاھىدە قوللاش پىلانى ‐‐ ئون مىڭ كىشىلىك پىلانغا كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى. دۆلىتىمىزدىكى بۇ مۇنەۋۋەر يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن ئۆز ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ.«ئون مىڭ كىشىلىك پىلان» 2008-يىلى يولغا قويۇلغان چەت ئەلدىكى ئالىي ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىدىغان «مىڭ كىشىلىك پىلان»دىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوللاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان زور ئىختىساسلىقلار پىلانىدۇر. بۇ ئىككى پىلان ئۆزئارا تولۇقلايدۇ، ئۆزئارا باغلىنىدۇ، ئالغا ئىنتىلىشچان، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان مىڭلىغان ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، دۆلەت ئالىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر