باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ئاممىۋى لۇشيەن: «كۆزنەك»كە قارىغاندا «بۇلۇڭ-پۇشقاق»نى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ

ۋاڭ مىڭخاۋ

2013.10.28 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاز بولمىغان جايلار، تارماقلارنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپلىرى «تۆت ئىستىل» مەسىلىسىنى تەكشۈرگەن، تەھلىل قىلغاندا، بىر قىسىم كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا بارغاندا يۈزەكىلا كۆزىتىپ، «كۆزنەك»كە كۆپرەك قاراپ، «بۇلۇڭ-پۇشقاق»قا كۆپ قارىمايۋاتىدۇ، نەتىجىدە قىسمەنلىك بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا ئاممىنىڭ پىكرى كۆپ بولۇۋاتىدۇ.

  «كۆزنەك»لەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆڭۈل قويۇپ ياساپ چىقىلغان تىپلار بولۇپ. ئۇنىڭدا كېڭەيتىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن تەجرىبىلەر بار. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «كۆزنەك» قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، نەق مەيداندىن تەكشۈرۈشىنىمۇ ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ. لېكىن «كۆزنەك» نېمىلا دېگەن بىلەن ئومۇمىيەت ئەمەس، «كۆزنەك»كە بېرىپ كۆرۈپ، ئاڭلاپ، سۆزلەپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنسە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئومۇمىيەتنى قانداقمۇ ئىگىلىگىلى بولسۇن؟ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، چاتاق ۋە كېسەلنى تاپقىلى بولسۇنمۇ؟

  كونىلاردا «باغقا كىرمىگۈچە باھارنىڭ ھۆسنىنى بىلگىلى بولماس» دېگەن گەپ بار. ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدا ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش تەلەپ قىلىندى، رەھبىرىي كادىرلار خۇشاللىققىمۇ، دەرد-ئەمەلگىمۇ قۇلاق سېلىشى، «كۆزنەك»نىمۇ، «بۇلۇڭ-پۇشقاق»نىمۇ كۆرۈشى، ھەم خىزمەتتە ئىلغار جايلارغا بېرىپ تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىشى، ھەم زىددىيەت كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتقان جايلارغا بېرىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى لازىم، شۇندىلا دەرەخنىلا كۆرۈپ ئورماننى كۆرمەسلىكتىن ساقلىنىپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ھەقىقىي نەتىجىسى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر