باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تەرەققىيات ئىمكانىيىتى يارىتىدۇ

‐‐‐‐ «جۇڭگو ئىشەنچى» نەدىن كېلىدۇ؟ (3)

2013.10.22 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىسا ئىقتىسادقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ تۈرتكىلىك سىياسەت بولمىسا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى نەدىن كېلىدۇ؟ يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ئۆزگىرىشلەر يېڭى خىرىس پەيدا قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھىندىنوزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا سۆزلىگەن مۇھىم نۇتقىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ. ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغاپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش داۋامىدا تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش ‐‐ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا «جۇڭگو ئىشەنچى»نىڭ كۈچلۈك تىرىكى.

  2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدە، نۇرغۇن ئېكسپورت تاشقى سودا كارخانىلىرى زەربىگە ئۇچراپ، تىجارىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا بىز خىرىسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدۇق، بۇنىڭدا ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇشقا تاياندۇق. تەجرىبىلەر تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گۈللەنمە بازار دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو چوقۇم سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، زاپاس كۈچنى ئاشۇرىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى لازىم. شۇڭا ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش كۈنتەرتىپكە قويۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش دۆلەت سىياسىتى قىلىندى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر