باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ئاممىۋى لۇشيەن: خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئۆزىمىزنىڭ ھېسسىياتىنى ئاممىنىڭ ھېسسياتىغا قويۇپ باھا بېرىشكە بولمايدۇ

2013.10.21 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىيىمنىڭ رۇس بولغان-بولمىغانلىقىنى سىنئەينەككە قارىغاندىلا بولگىلى بولىدۇ، يۈزىمىزدە كىرنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئەتراپتىكىلەر ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ. تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئاخىرقى ھېسابتا ئاممىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈندۇر، پائالىيەتنى يولغا قويۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى ئاممىنىڭ رازى بولغان-بولمىغانلىقىدا. «تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى كېيىنكى باسقۇچقا بارغانسېرى، ئۆلچەمدە شۇنچە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بېشىدا چىڭ تۇتۇپ، ئايىغىدا بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئۆز تۇيغۇسىنى ئاممىنىڭ باھاسى قىلىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم سۆزى مەسىلىنىڭ ئاچقۇچىنى بىۋاسىتە يېشىپ، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سۈرۈش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ ھازىرغا قەدەر، ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ، ئىجابىي نەتىجىلەرمۇ قولغا كەلدى. لېكىن ھەلىھەم بىر خىل ئەھۋال ساقلانماقتا، يەنى بىر قىسم ئورۇنلار ئۆز خىزمىتى تىلغا ئېلىنسا، ھەمىشە ئومۇمىي جەھەتتىن يامان ئەمەس دەپ قارايدۇ، بىراق ئۆزىدە قانداق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تۇتۇق بەرمەيدۇ، ھەتتا ئازراقمۇ تۇيمايدۇ. بىر قسىم كادىرلار بولسا ئۆزىنىڭ مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلانغان، ئەمما كۆپ ھاللاردا ئېغىرىنى يوشۇرۇپ، يېنىكىنى ئېيتىدۇ، چوڭىنى كىچىكلىتىپ قويىدۇ، ھەتتا بەزىدە تەنقىد قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ماختىنىدۇ، بۇ ئاممىنىڭ كۈتكىنىدىن تېخى خېلى يېراقتا تۇرۇپتۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، «مەسىلىنى بايقىيالمايدۇ»، ئۆزىچە «مەسىلە يوق»تەك ھېس قىلىدۇ، ھەتتا ئۆز تۇيغۇسى قالتىس بولۇپ كېتىدۇ. ئۆز تۇيغۇسىنى ئاممىنىڭ باھاسى ئورنىغا دەسسىتىش بۇنىڭ سەۋەبىدۇر. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر