باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، پاك سىياسىي بەرپا قىلايلى

2013.09.23 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى22-سېنتەبىر، جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بوشىلەينىڭ پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش، ھەمدەبارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەردى. بوشىلەي دېلوسىنىڭ باش-ئاخىرىنى كۆزەتسەك، دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشتىن تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكىچە، ئەيىبلەشتىن سوت ئېچىپ قاراپ چىقىشقىچە، ئاخىرىدا سوتنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغىچە بولغان پۈتكۈل جەرياندا پاكىت ئاساس، قانۇن ئۆلچەم قىلىنغان بولۇپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش روھى ۋە ئەدلىيە ئادىللىقى نامايەن قىلىنىپ، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى قانۇن بويىچە جازالاشتىكى قەتئىي پوزىتسىيەسى ۋە قەيسىرانە ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز.

  قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش‐‐ پارتىيەمىز قەتئىي تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پىكىر يولىدۇر. بوشىلەي دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىرىكلىككە قانۇن بويىچە قارشى تۇرۇش ئاساسىي ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلغان. مەيلى پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ياكى دېلونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى قانۇن بويىچە بېكىتىش بولسۇن، مەيلى ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچىلارنىڭ تولۇق دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشى ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقىشى ياكى قانۇن بويىچە بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىشى بولسۇن، ھەممىسى قانۇن ئىدارە قىلىش يولى بويىچە ئېلىپ بېرىلدى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش روھى باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلدى. شۇڭا بوشىلەي دېلوسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنى كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈردىكى، چىرىكلىككە قانۇن بويىچە قارشى تۇرۇش‐‐ ھەم سىياسىي مەدەنىيلىكنىڭ نامايەندىسى، ھەم ئومۇمىي ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنىڭ مۇجەسسىمىدۇر.

  ئۆزىنى تىزگىنلەشتە پاكلىقنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا قانۇننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش لازىم. چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش‐‐ پارتىيەمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار ۋە كەڭ ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بوشىلەينى قانۇن بويىچە قەتئىي جازالاش شۇنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردىكى، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى ئالدىدا مۇستەسنالىق يوق، ھەرقانداق ئادەمگە چېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قانچە قەتئىي بولساق، «يولۋاس»قىمۇ، «چىۋىن»گىمۇ زەربە بېرىشتە قانچە چىڭ تۇرساق، تەھدىد كۈچىنىمۇ شۇنچە جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، چىرىكلىشىش ئەھۋالى ھېلىمۇ كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ، چىرىكلىك مەنبەلىرى يەنىلا مەۋجۇد، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ۋەزىيىتى ھېلىمۇ كەسىكىن ھەم مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ، پەقەت چىرىكلىككە زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، چىرىكلەشكەنلەرنى ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇرغاندا، ئاندىن پارتىيە ئىستىلىنى تۈزىگىلى ۋە خەلق رايىغا باققىلى، پارتىيەنى ئۇيۇشتۇرغىلى ۋە خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئالغىلى بولىدۇ.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر