باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

روھىيەتنىڭ زور شەرھى، خەلقچىللىقنىڭ نامايەندىسى(2)

2013.09.03 10:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئۈرۈمچىنىڭ ئاسمىنى سۈزۈلدى، دەل – دەرەخلەر يېشىللاشتى، ھاۋاسى ساپلاشتى؛ يوللار كېڭەيدى، ئاممىۋى ھاجەتخانىلار كۆپەيدى، تۇرمۇش خاتىرجەملىككە تولدى››، دېيىشتى شەھەر ئاھالىلىرى. شەھەر قۇرۇلۇشىدا ئاممىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكىنى كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى بولدى، ئۈرۈمچى بۇلتۇر يولغا قويغان ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشتىكى كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ‹‹بىرلەشمە مۇشت››نىڭ تۈرتكىسىدە، 12 مىڭ 900 پار قازىنىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى يېرىم يىلدىلا ئورۇندالدى، بۇنداق زور سالماق، يۇقىرى ئۈنۈم ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، شەھەر ئاھالىسى ساپ ھاۋادىن بەھرىمەن بولدى.

  زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەر يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ‹‹ئۈچ رايون ئالتە گۇرۇپپا – تۇەن›› پىلانى بويىچە، گۇمىدى، كۆرگەزمە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، ئاق قۇش كۆلى (بەينياۋخۇ)، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىمالىي رايونى، شەھەر شىمالىي يېڭى رايونى ۋە گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر كۆلىمى ۋە سىغىمچانلىقىنى زورايتىپ، زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر بوشلۇق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلماقتا.

  شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسى شەھەر تەرەققىياتى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئۆستۈرۈلدى. ئۈرۈمچى بارغانسېرى ئىنچىكە باشقۇرۇش ئەندىزىسى، ئادەمنى ئاساس قىلغان شەھەر باشقۇرۇش ئۇسۇلى، بارغانسېرى سالماقلاشقان باشقۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن، جاي – جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

  خەلقچىللىق سەۋىيەسى تەڭ قەدەمدە ئۆستى

  شەھەر كۆركەم تۈسكە كىردى، شەھەر ئاھالىسى تېخىمۇ گۈزەللەشتى. جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى شەھەرنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، شىنجاڭلىقلارنىمۇ ئۆزگەرتتى. كىشىلەر كاتتا كۆرگەزمىنىڭ ئۆز يېنىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن پەخىرلەندى، شۇنداقلا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۆرگەزمىگە ئۆزگىچە ھۆسن قوشتى.

  ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، كۆزنەكلەردىكى مۇلازىمەتچىلەر مېھمانلارنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن كۈتۈۋالدى. پىدائىيلار ئۆز مۇلازىمىتى بىلەن شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلدى، ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىلىرى باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىپ، جامائەت تەرتىپىگە بويسۇنۇپ، ئۆز سۆز – ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق شىنجاڭلىقلارنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يۈكسەلدۈردى ۋە نامايان قىلدى.

  بۇ خىل كۈچ ئاخىرىدا شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىدىيەسى ئازاد، كەڭ قورساق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، قىزغىن مەدەنىيەت پىسخىكىسى بولۇپ مۇجەسسەملەندى. قەدىمكى يىپەك يولى، ھازىرقى ئاسىيا – ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈكى بولغان شىنجاڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئالدىدا تۇردى. ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىدىيەسى تېخىمۇ ئازاد بولدى، كۆڭلى – كۆكسى تېخىمۇ كېڭەيدى.

  ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، ‹‹سەنئەت ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلايلى›› باش تېمىسىدىكى جۇڭگو – چەت ئەل مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ھەپتىلىكى ئارقىلىق ‹‹مىللەتلەر ئىناق ئۆتۈش، سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى ئېچىۋېتىش›› مۇھىم كۆرگەزمە نۇقتىسى قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى سودىگەرلەر ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت سەنئىتى نامايان قىلىنغان كاتتا مۇراسىمدىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 300 مەيدان پائالىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى مەدەنىيەت ھەپتىلىكىدىمۇ ‹‹رەڭدار جۇلالانغان مەدەنىيەت شەھىرى›› باش تېمىسى ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى دوستلارغا نادىر سەنئەت نومۇرلىرى تەقدىم قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ روھىنىڭ زور شەرھى

  بۇ قېتىمقى كاتتا كۆرگەزمىدە 800 پىدائىي كۈتۈۋېلىش، ساراي – مەيدانلارغا باشلاش، مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاردا مېھمانلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. پىدائىيلار سالاپەت مەشىقى، پىسخىكا تەربىيەسى، ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىك بىلىمى، پىدائىيلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىن تەڭ بەھرىلىنىش جەھەتلەردە مەشىق قىلدۇرۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە ئەلا، خۇشخۇي مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 10 مىڭ پىدائىي كوچىلاردا پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

  پىدائىيلىق روھى شىنجاڭ روھىنىڭ جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى بىر كىچىك ئىپادىسى خالاس.

  جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى ھەر بىر خۇش چىراي، ھەر بىر تامچە تەر، تۆلەنگەن ھەر بىر بەدەل، قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەر بىر نەتىجە ۋەتەننى شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت شىنجاڭ روھىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاخىرلىشىپ، يولداش جاڭ چۈنشيەن خۇلاسە سۆزى قىلغاندا: ‹‹بۇ شىنجاڭ روھىنىڭ بىر قېتىملىق مەركەزلىك نامايەندىسى›› دېگەنىدى.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەر نۆۋەتلىك كاتتا كۆرگەزمە، ھەر قېتىملىق كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش جەريانى شىنجاڭ ئۈنۈمىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ مۆجىزىسىنى ياراتتى. شىنجاڭ روھى غايەت زور كۈچ مۇجەسسەملەپ، ئۇنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ قاتلام – قاتلاملىرىغىچە سىڭدۈرۈپ، كىشىلەرنى ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى، تەرەققىياتنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.

  ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز››. ‹‹غەربىي رايوندىكى چېگرا رايون بولغان›› شىنجاڭدا خەلقئاراغا يۈزلەنگەن ئالدىنقى قاتاردىكى كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈش دۆلەتنىڭ سىياسەت ياردىمىگە موھتاج بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭلىقلارنىڭ سۇبيىكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىنسانلار مەدەنىيىتى سەھنىسىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك ئىرادىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىگە تېخىمۇ قىزغىنلىق بىلەن ئاتلاندۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل